ئەنگىلىيەنىڭ يۇقىرى پالاتا ۋە تۆۋەن پالاتاسى خىتاينىڭ لوندۇندىكى باش ئەلچىسىنىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا كىرىشىنى چەكلەپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى باشلانغان 10-سىنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. بۈگۈن ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ يۇقىرى پالاتا ۋە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ «ئەنگىلىيە پارلامېنت بىناسىغا كىرىشىنى چەكلەش» جازاسىغا دۇچ كېلىپ، قاتتىق رەسۋا بولغان.
BBC ئاگېنتلىقى 14-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى باش ئەلچىسىنىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنت بىناسىغا كىرىشى چەكلەندى» ناملىق خەۋەرگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە تۆۋەن پالاتا باشلىقى لىندساي ھويلې ۋە يۇقىرى پالاتا باشلىقى لورد ماك فال خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، «خىتاينىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازالىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغىچە، ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئۇنىڭ پارلامېنت بىناسىنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالمايدۇ» غانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى «پارتىيە ھالقىغان خىتاي گورۇپپىسى» 15-سېنتەبىر پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چەت ئەل ئەلچىلىرى شەرىپىگە زىياپەت بېرىش پائالىيىتىگە خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭنىمۇ تەكلىپ قىلغان. بۇنىڭدىن 13-سېنتەبىر خەۋەر تاپقان پارلامېنت ئەزالىرى قاتتىق نارازى بولۇپ، «بۇ زىياپەتنى يا پارلامېنت بىناسى سىرتىدىكى باشقا ئورۇنغا يۆتكىۋېتىشنى ياكى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ پارلامېنت بىناسىغا كىرىشىنى چەكلەش» نى تەلەپ قىلغان.
بۇ خىل تەلەپتە بولغۇچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئىزچىل قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن ۋە بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرگە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن ئالاقىدار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا ئېلان قىلغان ئەنگىلىيەنىڭ يۇقىرى پالاتا ۋە تۆۋەن پالاتاسىغا مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئىبارەت بولغان. ئۇلار شۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قايتۇرما جازاسىغا ئۇچرىغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 3-ئايدا جازا لاگېرلىرىغا قارشى تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى قوغداش تەرەپدارى بولغان ئەنگىلىيەنىڭ تۆۋەن پالاتا ئەزالىرىدىن دۇنكان سمىت، نۇسرەت غەى، لوگتون، تۇگەندھات، ئوبرائىن ۋە يۇقىرى پالاتا ئەزالىرىدىن بارونەسس كېننېدى، لورد ئالتون قاتارلىقلارغا جازا يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ «خىتايغا كىرىشىنى چەكلەش، خىتايدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشىنى مەنئىي قىلىش» قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مانا مۇشۇ پارلامېنت ئەزالىرى بۈگۈن پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چەت ئەل ئەلچىلىرى شەرىپىگە زىياپەت بېرىش پائالىيىتىگە خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭنىڭ قاتنىشىشىغا كەسكىن قارشى چىققان.
ئۇلار يۇقىرى پالاتا ۋە تۆۋەن پالاتا باشلىقلىرىغا يازغان خەتلىرىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرىغا يۈرگۈزگەن جازاسى يالغۇز ئۇلارغىلا يۈرگۈزۈلگەن شەخسىي جازا ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر پۈتۈن ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا ۋە بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا يۈرگۈزۈلگەن جازادۇر. بىزنىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى ياكى بۇ جازالارنى مۇلايىملىق بىلەن ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرگۈمىز يوق،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان. ئۇلار خەتلىرىدە يەنە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا ئەركىن-ئازادە كىرىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشىغا يول قويالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى قىزغىن قوللىغان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، د ئۇ ق نىڭ 13-سېتەبىر كەچتە لوندۇندا پارلامېنت ئەزالىرىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقلىرى نەتىجىسىدە، ئەنگىلىيەنىڭ يۇقىرى پالاتا ۋە تۆۋەن پالاتاسى باشلىقلىرى خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭنىڭ پارلامېنت بىناسىغا كىرىشىنى چەكلەش قارارى ئالغان. خىتاينىڭ لوندۇندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇ ئىنتايىن نومۇسسىزلىق ۋە قەبىھلىق» دېگەن. ئۇلار سۆزلىرىدە «ئەنگىلىيە پارلامېنتىدىكى بەزى ئادەملەرنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى سەۋەبلىك خىتاي-ئەنگىلىيە مۇناسىۋەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئاسىيلىق قىلغانلىق ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىق» بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى، فېدېرال ھۆكۈمەت ۋە تەرەققىيات مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ ۋەقە ھەققىدە توختالغاندا «پارلامېنت ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل ئورگاندۇر. پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشلارغا پارلامېنت باشلىقلىرى قارار بېرىدۇ،» دېگەن.
خىتايغا نارازى بولغۇچى پارلامېنت ئەزالىرى ئىككى پالاتا باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق قارارىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيەسىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلىۋەتكەن. 14-سېنتەبىر ئەنگىلىيەدىكى مەتبۇئاتلار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، «خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى باش ئەلچىسىنىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنت بىناسىغا كىرىشى چەكلەنگەن» لىك ۋەقەسىنى ئەنگىلىيە ئاخبارات ساھەسىدە قىزىق غۇلغۇلا تېمىسىغا ئايلاندۇرغان. د ئۇ ق لوندۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىم بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلغاندا، بۇ ئىشنىڭ بۈگۈن ئەنگىلىيەدە قىزىق تېمىغا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.