ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىن ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 9-دېكابىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، بۇ سوتقا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار 10-دېكابىر تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار بىرلىشىپ «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن لوندوندا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان.
نامايىش مەيدانىدا ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە خوڭكوڭ خەلقلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئاتاپ، ئۇنى دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.
لوندوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە توختالغاندا، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا مەركەزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
نامايىش جەريانىدا تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان.
مەزكۇر نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ نامايىشنىڭ ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، 10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار بىرلىكتە تەشكىللىگەنلىكىنى ۋە نامايىشتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا قارشى تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

10-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھې شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان. كارلسرۇھې شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزنى قىسقىچە مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى.