ئەنگىلىيەدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن سەھىيە مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەلەپ قىلىندى
2022.01.31
31-يانۋار كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىدا ئەنگلىيەنىڭ سەھىيە ۋە مۇلازىمەت قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە بىر مۇنازىرە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى مەۋجۇت» دەپ قارالغان جايلاردىن سەھىيە بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىكەن.
پارتىيەلەر ئارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بىلېنكاترانىڭ تەكلىپى بىلەن تەييارلانغان. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتىن قارىغاندا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى باشلانغاندىن بۇيان نەچچە يۈز مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى ساقلىقنى ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خىتايدىن سېتىۋالغان. ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، سىياسىيونلار ۋە ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغاندا ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى قەيەر، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىقى بار-يوقلىغىنى تەكشۈرۈشتەك تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندىغان ياكى ئورۇندىمىغانلىقىدىن گۇمان قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغانلىق ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر شىركەت بىلەن ساقلىقنى ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش توختامى تۈزگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر چىققان ئىكەن.
مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىرقىسىم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئەنگلىيەنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمەتلىرى قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان.
مەزكۇر تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بىلېنكاترانت 31-يانۋار كۈنى ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتاسىدىكى مۇنازىرىدە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇشتا دۇنيانى يېتەكلىگەن ئەنگلىيە ھازىر ئارقىدا قالدى… ئەنگلىيە باج تاپشۇرغۇچى خەلقىنى ساقلىقنى ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئورتاقلاشتۇردى. بىز بىر جان قۇتقۇزۇش بەدىلىگە بىر جاننى قۇربان قىلماسلىقىمىز كېرەك».
يۇقىرى پالاتا ئەزاسى لىز سوگ بولسا سۆزىدە «بىزنىڭ سەھىيە خىزمەتچىلىرىمىز ئالدىدا ۋە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىمىزنى قوللانغۇچىلار ئالدىدىمۇ مەسئۇلىيىتىمىز بار، بىز ئۇلارنى دەپسەندىچىلىك بىلەن بۇلغانمىغان مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
ئەنگلىيەدىكى سىياسەت تەتقىقاتچىسى، «خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار ھەمكارلىقى» نىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى لۇك دې پۇلفورت ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ساغلاملىق-سەھىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتىن چەكلەنگەندىن سىرت يەنە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» نى تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنىڭ بىر قانچە خىل مەقسىتى بار. بىرىنچىدىن، بۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى ۋە باشقا سەھىيە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەپ، ئەنگلىيەنىڭ سەھىيە مۇلازىمىتى تەمىنلەش زەنجىرىنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ تەكلىپ ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىنى تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە قول قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش مەجبۇرىيىتى بار. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە باھالاش قىلىپ ئىككى ئاي ئىچىدە دوكلات تەييارلاش ھەققىدە بېسىم مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ ئىنتايىن روشەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا دوكلاتمۇ شۇ بويىچە نەتىجىلىنىدۇ ۋە ھۆكۈمەت ئۇيغۇر رايونىدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ. شۇڭا بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر تەكلىپ».
مەزكۇر تەكلىپنىڭ ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتاسىدا مۇنازىرىگە قويۇلىدىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھوقۇقى ئورگانلىرى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ تەكلىپكە ئاۋاز قوشقان. ئەنگلىيەدىكى چوڭ خەلقئارالىق ئورگانلاردىن «خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى» مەخسۇس بىر ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ھازىر، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى سولىدى. مەجبۇرىي ئەمگەك بولسا رايوندىكى ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كونترول سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئېچىنارلىقى، نۇرغۇنلىغان داڭلىق ماركىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر بۇ زامانىۋى قۇللۇقتىن پايدا ئېلىۋاتىدۇ. ئەنگلىيە شىركەتلىرىمۇ ئوخشاش. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرىنى بىكار قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ياكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش شىركەتنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ چوقۇم قانۇن ئارقىلىق مەجبۇرلىنىشى كېرەك».
مەزكۇر ئورگان باياناتى ئاخىرىدا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى دەرھال مەخسۇس شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشتىن چەكلەيدىغان قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ چاقىرىققا كەڭ ئەنگلىيە ئاممىسىنى ئىمزا قويۇشقا دەۋەت قىلغان.
لۇك دې پۇلفورتنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، مەزكۇر تەكلىپ بۈگۈن يۇقىرى پالاتادا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا پارلامېنتتىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى، ئىشچىلار پارتىيەسى ۋە باشقا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ تەكلىپ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بىر قانچە باسقۇچلۇق پارلامېنتتىكى ئاۋازغا قويۇلۇشلاردىن ئۆتىدىكەن.
مەزكۇر چاقىرىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگىلىيە ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت خانىم بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىنغان. رەھىمە خانىم يەنە ئەنگىلىيەدىكى «پارلامېنت» ناملىق تور ژورنىلىدىمۇ مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ ئەنگىلىيە پارلامېنتىنى ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇشتا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.