خىتاي ئاخباراتى ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىسنىڭ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق سۆزلىگەنلىكىنى يوشۇرغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.02.22
s465_james-cleverly-foreign-secretary.jpg ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلي(James Cleverly) ئەپەندى.
gov.uk

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يوشۇرغان.

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلي 20-فېۋرال كۈنى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا «بۈگۈن خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى چىن گاڭ بىلەن تېلېنفوندا سۆزلەشتىم. مەن خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ھەمدە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تېنىچلىققا مۇھتاجلىقىنى تىلغا ئالدىم. ئىككىمىز كىلىمات ۋە تىجارەت مەسىلىلىرىنى ئورتاق ھەل قىلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىشكە قوشۇلدۇق» دەپ يازغان. بىراق خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ «شىنجاڭ ۋە تەيۋەن» گە ئائىت ئىككى مۇھىم نۇقتىسىنى يوشۇرۇپ، خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنى نوقۇل ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىگە بۇرىۋەتكەن.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 21-فېۋرال ئېلان قىلغان «خىتاي-ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شىنجاڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەن» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلي 20-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، ئالدى بىلەن بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن، ئاندىن تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تېنىچلىقىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. بىراق خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بۇ ئىككى مەزمۇن توغرۇلۇق بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىگەن.

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلي(James Cleverly) ئەپەندىنىڭ Twitter غا يوللىغان سۆزى. 2023-يىلى 20-فېۋرال.
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلي(James Cleverly) ئەپەندىنىڭ Twitter غا يوللىغان سۆزى. 2023-يىلى 20-فېۋرال.
Social Media

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە چىن گاڭنىڭ ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىسكە «خىتاي ھەرگىزمۇ ئەنگىلىيەگە رىقابەتچى ۋە تەھدىت ئەمەس. خىتاي ۋە ئەنگىلىيە دۇنيادىكى ئىككى چوڭ مۇھىم دۆلەت. ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، دۇنيا تېنىچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق» دېگەندەك خىتايچە دىپلوماتىك نازاكەتكە دائىر ئىبارىلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك يېقىندىلا پارلامېنتتا خىتاينى بۇرۇنقىدەك «سىستېمىلىق رىقابەتچى» دەپ قاراشتىن، رەسمىي ھالدا «تەھدىت» دەپ قاراشقا قوشۇلۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. ئەنگىلىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرگە مەنسۇپ بولغان پارلامېنت ئەزالىرى رىشى سۇناكتىن ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قارىتا دۆلەت مۇداپىيە ۋە تاشقىي سىياسەت ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. رىشى سۇناك بولسا 17-فېۋرال گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 59-نۆۋەتلىك «ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك كېڭىشى» دە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى، ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق سۆزلىشىشىنى ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ چۈشىنىش مۈمكىنمۇ؟

د ئۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە ماھمۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىسنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئەنگىلىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئېغىزدا تىلغا ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ، 6 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانماسلىقى ئېچىنارلىق بىر ھادىسە ئىكەن.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، گېرمانىيەدىمۇ ئەنگىلىيە ۋە كاناداغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىنى «پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىشتا خىتايدىن پايدىلىنىش زۆرۈرىيىتى بار» دەپ قارىغاچ، خىتايغا ئېھتىياتچان مۇئامىلىدە بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلينىڭ خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق قانچىلىك دائىرىدە سۆھبەتتە بولغانلىقى، كونكرېت نېمىلەرنى تىلغا ئالغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. «خىتاي-ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ شىنجاڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەن» ناملىق خەۋەردە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن. بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز ئەنگىلىيەگە كەلمەكچى بولغاندا، ئەنگىلىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ياۋروپا زىيارىتىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.