ئەنگلىيەدىكى شەففېلد خاللام (Sheffield Hallam) ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم جەۋھەرلىرى لوندون شەھىرىدە 2021-يىلى چاقىرىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بۇ مەسىلىلەر بويىچە مەخسۇس ئىزدەنگەن ئالىملارنىڭ بىرى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى لاۋرا مۇرفىي (Laura T. Murphy) ھېسابلىنىدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بويىچە نوپۇزلۇق ئالىم، دەپ قارىلىۋاتقان لاۋرا مۇرفىي ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنى ئەڭ دەسلەپ پاش قىلغان. دۇنيا بانكىسىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىغا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتىنى تۇنجى بولۇپ خەلقئارانىڭ دىققىتىگە سۇنغان. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خۇدسون ئىنستىتۇتى ئەنە شۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان 9-مارتتىكى تور مۇھاكىمىسىدە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نۇرى تۈركەل پروفېسسور لاۋرا خانىم بىلەن بۇ جەھەتتىكى كۆپلىگەن سوئاللار ھەققىدە كەڭ-كۇشادە سۆھبەتلەشتى.

سۆھبەت رىياسەتچىسى نۇرى تۈركەل ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە مەركەزلىشىپ قېلىۋاتقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىر چەتكە تاشلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلغان پۇتىننىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىنىڭ نۆۋەتتە كۆپ تەرەپلىمە ساھەگە چېتىلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك خەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرىنى بۇلغاۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا رەسمىي قانۇن تەرىقىسىدە ۋۇجۇدقا چىققان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى» نى تولۇق ئىجرا قىلىش لازىملىقى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى پروفېسسور لاۋرا مۇرفىيغا ھاۋالە قىلدى.
پروفېسسور لاۋرا مۇرفىي ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولغان «خىتاي دۆلىتى بىۋاسىتە ئارقا تىرەك ۋە باش ئىجراچى بولۇش» ۋەزىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. . پروفېسسور لاۋرا مۇرفىينىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان تۈرلۈك ھۆججەتلەر ۋە خەۋەرلەردىن بەكمۇ ئاشكارا كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» دەپ ئاتالغان تۈركۈم-تۈركۈم ئۇيغۇرلار خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئەرزان باھالىق ئىشچى بولۇپ ئەۋەتىشكە كۆرسەتمە بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشچىلارنى توپلاشنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىختىيارلىق پىرىنسىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئىلاجى يوق ئىكەن. چۈنكى بۇنىڭغا «ياق» دېيىشنىڭ ئۆزى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن باراۋەر بولۇپ قالغان. بۇنى ھەممىلا ئۇيغۇر ياخشى بىلىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ ھەممىلا يەرنى قاپلىغان لاگېر سىستېمىسى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە بويۇن تولغىغانلارغا ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋەزىپە ناھايىتى تېزلا پىلاندىكىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان. مۇشۇ خىل مەجبۇرلاش چارىلىرى بىلەن توپلانغان بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار زاۋۇتلارغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن ئىشتىن ئايرىلىش ياكى ئىستېپا بېرىش ھوقۇقى بولمىغان. ئۇلار ئىشلىگەن زاۋۇتلارنىڭ تىكەنلىك سىم توساقلىرى ۋە قوراللىق ساقچىلىرى تۈرمىلەرنى ئەسلەتسە، ئۇلارنى «باشقۇرۇش چارىلىرى» نورمال زاۋۇت قائىدىلىرىگە پەقەتلا ئوخشىماي قالغان.
پروفېسسور لاۋرا مۇرفىينىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇشتۇمتۇتلا ئوتتۇرىغا چىققان يېگانە ھادىسە ئەمەس ئىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا نەچچە ئون يىللاپ ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا ھېچقانداق ھەق بېرىلمەيدىغان «ھاشار ئەمگىكى» ناھايىتى تىپىك بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىللاپ «ئاستا سۈرئەت» تە توختاۋسىز ئىجرا قىلغان ۋە بارغانسېرى يۇقىرىلاپ بارغان سىياسىي كونتروللۇق ئەمەلىيەتتە دۇنياغا بىلىندۈرمەي تۇرۇپلا پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە مۇستەھكەم بويۇنتۇرۇق سېلىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان. بۇنىڭ ئەڭ يۇغۇرى پەللىسى 2016-يىلىدىن كېيىن لاگېرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ ئاندىن تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ئەمگەكنىڭ مەجبۇرلاش ئاستىدا ئەمەلگە ئېشىشى رېئاللىق بولۇپ قالغان. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ھەرقانداق ئۇيغۇر ھەرقانداق ئەمگەككە «خوپ» دەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ بولغان. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى خىتايلار كونتروللۇقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان. ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئئىختىيارى يوسۇندا يېزىلاردىن شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ «ئەمگەك» نى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا روياپقا چىقارغان. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ جىسمانىي ئەمگىكى غايەت زور بايلىق ياراتقان بولسىمۇ، بۇ بايلىقتىن ئۇيغۇرلارغا ھېچنەرسە تەگمىگەن. بۇ خىل مۇستەملىكىچىلىك ئەندىزىسىگە خاس ئەمگەكلەر ئىجرا بولىدىغان زاۋۇت-فابرىكىلاردا جىسمانىي ئەمگەك ئۇيغۇرلارغا، ئەقلىيلىك بىلەن ئىجرا بولىدىغان باشقۇرۇش ۋە سېتىش خىزمىتى خىتايلارغا مەنسۇپ بولۇپ كەلگەن.
پروفېسسور لاۋرا مۇرفىينىڭ پىكرىچە، غەرب بازىرى نۆۋەتتە دەل مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مېخانىزمى بىلەن مېڭىۋاتقان تەمىنلەش زەنجىرىگە باغلىنىپ قېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك ھالقىلىرىدىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ «قولىنى يۇيۇشى» بەك چوڭ ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن بىر قىسىم غەرب شىركەتلىرى رۇسىيەدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ خىل ۋەزىيەت ئۇيغۇر دىيارىدا تېخى ئىشقا ئاشمىغان. يەنە كېلىپ خىتاي ئامىلىنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىغا سىڭىپ كېتىشى ھەمدە بەزى ھالقىلاردا خىتاينىڭ مەھسۇلاتلىرىسىز ئىش كۆرۈشكە ئىلاج بولماسلىقتەك رېئاللىقنىڭ شەكىللىنىپ بولغانلىقى نۆۋەتتە بۇنىڭغا كۆپلىگەن توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان ۋە قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى» نى ئۆز ۋاقتىدا ئىجرا قىلىش بۇ جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. .
مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن نۇرىي تۈركەل ئەپەندى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئەڭ مۇھىم چارىلاردىن بولغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى» ھەققىدە توختالدى. نۇرىي تۈركەلنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن تولۇق ئىجرا قىلىنسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتىن باشقا يەنە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چەكلەشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن. .
نۇرىي تۈركەل مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى بولدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىرنەچچە چوڭ ساھەگە چېتىلىدىغان نازۇك مەسىلە ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. .
يېقىنقى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە خۇدسون ئىنستىتۇتى مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان تېمىلاردا كۆپلىگەن مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك رېئاللىقلارغا نىسبەتەن قانداق سىياسەت بەلگىلەش مەسىلىسى مەركەزلىك ھالدا مۇزاكىرە قىلىنىپ كەلمەكتىكەن.