ئەنگىلىيەدىكى بىر تەشكىلات ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەھشىلىككە چېتىشلىق خىتاي ساقچى ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پاش قىلدى

0:00 / 0:00

ئەنگىلىيەدىكى «قىيناشتىن قۇتۇلۇش» ناملىق تەن جازاسىغا قارشى نۇپۇزلۇق بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 16-ماي كۈنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا بەزى پروگراممىلىرىنى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى پۇل بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەنگىلىيەدىكى بىر ساقچى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» كە چېتىشلىق خىتاي ساقچى تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى ئاشكارلىغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «لوندون ساقچى ئىنىستىتۇتى» ناملىق ئەنگىلىيەدىكى بۇ خۇسۇسىي شىركەت ھەمكارلىق ئېلىپ بارغان خىتايدىكى ساقچى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە ج خ تارماقلىرىدىن ئاز دىگەندە بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى تەربىيەلەش بىلەن چېتىشلىقى بار ئىكەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەھشىلىك دۇنيانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقى، بۇ دەپسەندىچىلىكنى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقى، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەت بەزى پوروگراممىلىرىغا پۇل ياردەم قىلىپ كەلگەن «لوندون ساقچى ئىنىستىتۇتى» نىڭ بۇ ۋەھشىلىككە جاۋابكار خىتاي ج خ تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى، بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنى تەربىيەلەشكە قاتناشقانلىقى تەكىتلەنگەن.

«خەتەرلىك ئالاقە: ئەنگىلىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە چېتىشلىق خىتاي ساقچى ئىنىستىتۇتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى» ناملىق دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، «لوندون ساقچى ساقچى ئىنىستىتۇتى» نىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خۇنەن ساقچى ئاكادىمىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

دوكلاتتا، بۇ ئىككى ئورگاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىزمىتى تىبەت بىلەن شىنجاڭغا ساقچى خادىمى تەربىيەلەش ۋە سەپلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭ 2019-يىلى ھەپتىلىك كۇرس ئېچىپ، «درون»، يەنى ئۇچقۇچىسىز ساقچى ئايرۇپىلانى يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «قىيناشتىن قۇتۇلۇش» تەشكىلاتىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ھەركىتى دېرىكتورى، مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغۇچى روزلىن رېنېي (Roslyn Rennie) خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، لوندون ساقچى ئىنىستىتۇتى خەلقارالىق ساقچى تەربىيەلەش مۇلازىمىتى قىلىدىغان شەخسىي شىركەت بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۇنىڭ خىتاي ساقچى تارماقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە دىققەت قىلىشىغا سەۋەب بولغان.

روزلىن رېنېي 17-ماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەنگىلىيەدىكى بىر شەخسىي شىركەت بولغان لوندون ساقچى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ھەركىتىنى 2021-يىلدىن باشلاپ تەكشۈرۈشكە باشلىدۇق. لوندون ساقچى ئىنىستىتۇتى خەلقارالىق ساقچى تەربىيەلەش مۇلازىمىتى قىلىدىغان شىركەت. بۇ خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز شىنجاڭنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىشقا باشلىدۇق. چۈنكى ساقچى تەربىيەلەش بۇ ۋەزىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ مۇناسىۋەتنى تەكشۈرۈشكە كىرىشتۇق.»

روزلىن رېننېينىڭ ئېيتىشىچە، لوندون ساقچى ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشقا ئاكتىپ ياردەملىشىۋاتقان ئىككى خىتاي ئورگانى بىلەن 5 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىكەن. روزلىن رېيننېي مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ بىرى خۇنەن ساقچى ئاكادىمىيەسى بولۇپ، ئۇنىڭ شىنجاڭ ساقچى ئىنىستىتۇتى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار، شىنجاڭ ساقچى ئىنىستىتۇتى رايونلۇق ساقچى تەربىيەلەش ئورنى بولۇپ، بۇ ئورۇننى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا ئ‍وينىغان رولى سەۋەبلىك جازالىغان… بىز يەنە بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى بايقىدۇق. ھالبۇكى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاينىڭ نۇقتىلىق ساقچى مەكتىپى بولۇپ، بىز بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شىنجاڭغا ساقچى خادىمى تەربىيەلەش ۋە سەپلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئىمبارگو يۈرگۈزۈلگەن شىنجاڭدىكى باشقا نۇرغۇن ساقچى تارماقلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلىمىز.»

45 بەتلىك بۇ دوكلاتتا خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرمەيلا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئۇلاردىن ئاز دېگەندە بىر خىتاي ئورگانىنىڭ شىنجاڭغا چېتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى مەبلەغ سالغان چەت ئەلدىكى ھەر قانداق ساقچى ياردىمى كىشىلىك ھوقۇق خەۋپىنى باھالاشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بۇ خىتايغا باغلىنىشلىق بولسا، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا ساقچى يۆتكەش پروگراممىسى سەۋەبلىك تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكى بۇ خىتاينىڭ ھەرقانداق جايىدىكى بىر ساقچىنىڭ بۇ رايوندىكى دەپسەندىچىلىكنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشىنى بىلدۈرىدۇ،» دېيىلگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەر قايسى ئ‍ۆلكىلەردە مەخسۇس ئىشخانا قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتەك بۇ خىل ئۆلكە ھالقىغان نىشانلىق ياردەم بېرىش پروگراممىسى «خىتاينىڭ ھەرقانداق جايىدا تەربىيەلەنگەن ساقچىلارنىڭ كېيىنرەك شىنجاڭغا ئەۋەتىلىش خەۋپى پەيدا قىلغان،» ئىكەن.

«قىيناشتىن قۇتۇلۇش» تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات دېرىكتورى جوسېف ئېۋانىس (Joseph Evans) نىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ساقچى تەربىيەلەش بىلەن بىۋاستە چېتىشلىقى بارلىقىغا دائىر دەلىل بولمىسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پروگراممىسى ئۇلاردا ئەندىشە قوزغىغان.

جوسېف ئېۋانىس 17-ماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز بىۋاستە چېتىشلىقى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل بايقىمىدۇق. بىز ئەنگلىيە شىنجاڭدىكى ساقچى تەربىيەلەشكە بىۋاستە ياردەم قىلدى، دېمەكچى ئەمەس. بىز بۇنىڭغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت كۆرمىدۇق. بىراق بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پروگراممىسىدىن بەك ئەندىشە قىلىمىز. بۇ پروگراممىغا ئاساسەن خىتاينىڭ ھەرقانداق جايىدىكى بىر ساقچىنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتىلىش مۇمكىنچىلىك بار. بۇ باشقا جايلاردىكى ساقچى مەكتەپلىرىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى بار دىگەنلىكتۇر. شۇڭا ھەرقانداق بىر ئەنگىلىيە شىركىتىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنى تەربىيەلىشى بۇ رايونغا ۋاستىلىق باغلىنىپ قالىدۇ.»

ئەنگىلىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۇ ھەمكارلىق ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە ماھمۇتنىڭ قارىشىچە، بىر مىللەتكە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش، قوبۇل قىلىنمايدىكەن. ئۇ بۇ ھەمكارلىق ئەنگىلىيەنىڭ پرىنسىپ ۋە ئەخلاقى ئ‍ۆلچەملىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

لېكىن «قىيناشتىن قۇتۇلۇش» تەشكىلاتىدىكى جوسېف ئېۋانىسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەمكارلىقتا ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر قانچە نۇقتا بار ئىكەن. ئۇ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى خىتاي ئاپپاراتلىرىغا ئىمبارگو قويۇپ تۇرۇپمۇ ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئورۇنلارنى پۇل بىلەن تەمىنلىشى، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جوسېف ئېۋانىس مۇنداق دېدى: «ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن شىنجاڭدىكى باستۇرۇشتا رولى بار ئاپپاراتلارغا ئىمبرگو قويۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن يالغۇز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىمبارگو قويۇپلا قالماي، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئىمبارگو قويغان ئاپپاراتلار بىلەن بىۋاستە چېتىشلىقى بار تەشكىلاتلارنى پۇل بىلەن تەمىنلىگەن. بولۇپمۇ لوندون ساقچى ئىنىستىتۇتى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەنگىلىيە ساقچى ئەمەلدارى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئورۇن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيە ساقچى سىستېمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قوللىنىپ، بۇ ھەمكارلىقتىن پايدىغا ئېرىشكەن.»

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، لوندون ساقچى ئىنىستىتۇتى شىنجاڭ ساقچى ئىنىستىتۇتى بىلەن بىللە بېيجىڭدا قۇرۇلغان «خەلقئارا ساقچى تەربىيەلەش ھەمكارلىق مۇنبىرى» نىڭ ئىجرائىيە كېڭىشىگە ئەزا بولغان. بۇ مۇنبەرنىڭ 2020-يىلى بېيجىڭدا چاقىرىلغان يىغىنى «خەلقئارا تېرورلۇق، قايتۇرما زەربە ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىستراتېگىيەسى» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر دوكلاتتا بۇ مۇنبەرنىڭ تۇنجى رەئىسلىكىنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقى، ئۇنىڭ كاتىبات باشقارمىسى بېيجىڭدا قۇرۇلغانلىقى، بۇ مۇنبەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي قىسىمدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەركىتىگە قارىتا خەلقئارانىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىتىنىڭ تورىدا، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنىڭ لوندون ساقچى ئىنىستىتۇتى بىلەن بولغان «رەسمى ھەمكارلىق» نىڭ مۇھىم پارچىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كەڭ كۆلەملىك دەپسەندە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.