27-سېنتەبىر كۈنى، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 9 تەشكىلات بىرلىكتە ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى لىز ترۇسقا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش گۇرۇپپىسى، ئەنگلىيە تىبەت جامائىتى، خوڭكوڭلۇقلارغا ياردەم قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئېلان قىلغان ئوچۇق خەتتە مۇنۇلار دېيىلگەن: «10-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ. بېيجىڭدا بايرام بولىدۇ ئەمما بىز بۇنى تەبرىكلىمەيمىز. چۈنكى ئۆتكەن 73 يىلدا خىتايدا مۇستەبىتلىكنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىشى، يەنىمۇ زالىملىشىشى ۋە يەنىمۇ كەڭ يېيىلىشىغا شاھىت بولدۇق. خۇددى سىز باش ۋەزىرلىك سايلام پائالىيەتلىرىڭىز جەريانىدا ئېيتقاندەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا ياشاۋاتقان، شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.»
مەزكۇر باياناتتا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جازا لاگېرلىرى، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى، قېيىن-قىستاق قاتارلىق سىياسەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇلار يەنە ئاخىرىدا لىز ترۇس ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئەنگلىيە تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن چەكلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تەھدىت قىلىدىغان بارلىق سىياسەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، تىبەت ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشىدىكى سەۋەب باش ۋەزىر لىز ترۇس خانىمغا سايلام مەزگىلىدىكى ۋەدىسىنى سەمىگە سېلىش ۋە ئۇنى ۋەدىسىنى ئورۇنلاشقا قىستاشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
لىز ترۇس خانىم سايلام مەزگىلىدىكى سۆزلىرىدە خىتاي كومپارتىيەسى پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىت ھەققىدە قىلغان كەسكىن پىكىرلىرى بىلەن تونۇلغانىدى. ئۇ باش ۋەزىر بولسا ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا قارشى كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى، خىتاينىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا تەسىرىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. شۇنداقلا يەنە خىتاينى ئەنگلىيە ئۈچۈن «سىستېمىلىق رىقابەتچى» دەپ ئاتاشنى قالدۇرۇپ، ئۇنى ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «تەھدىت» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، لىز ترۇس خانىمنىڭ ئۆز پارتىيەسىدىكىلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەرلەر تارقالغانىدى.
رەھىمە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، باش ۋەزىر لىز ترۇس خانىم سايلام مەزگىلىدە بەرگەن بىر تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە سوئالغا دۇچ كەلگەن. ئۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە گەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىمەن دەپ ئېنىق ئېيتمىغان بولسىمۇ، بىراق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. رەھىمە خانىمنىڭ قارىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەشتىن توسۇپ تۇرۇۋاتقان بىردىن-بىر ئامىل ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتلىرى ئىكەن. ئەگەر ئەنگلىيە خىتايغا بېقىنىشنى ئازايتقان تەقدىردە چوقۇم ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ دادىل ھەرىكەت قىلالايدىكەن. رەھىمە خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە لىز ترۇس ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىدۋارلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، لىز ترۇس خانىم باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن يەنى 25-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا بېقىنىدىغان ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «شۇنىسى بىزگە ئىنتايىن ئايدىڭكى، بىز ئالدى بىلەن G7 دۆلەتلىرى شېرىكلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ خىتايغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك بېقىنىشىمىزنى ئازايتىمىز. مەن بۇنى پرېزىدېنت بايدېنغىمۇ ئېنىق دېدىم.»
ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 9 تەشكىلاتمۇ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىنىڭ ھازىر بۇرۇنقىدىنمۇ ئېغىر تەھدىتلىكىنى ئەسكەرتىپ، لىز ترۇس ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە ئەھمىيەتلىك ۋە سىجىل قەدەملەرنى تاشلاشقا، خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتكە قارشى تۇرۇشتا رەھبەرلىك رول ئويناشقا چاقىرغان.