ئەنگلىيە پارلامېنتىدا تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئەمەلدارىنى «يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاش تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00

ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاش بىلەن توختاپ قالماي، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىغا چېتىشلىق بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا بىرقىسىم ئەمەلدارلارغا ماگنىتسكي جازاسىنى قوللىنىش مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ قالدى.

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى جىنايەتچىلەرنى جازالاش ھەققىدە قارار ئېلىشىدا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان پالامېنتتىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر بىرلىشىپ، مەخسۇس «يەرشارى ماگنىتىسكي قانۇنىنى» نىڭ يەنىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، 21-ئۆكتەبىر لوندوندا بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن تەڭ تۇنجى يىغىنى ئېچىلغان.

«يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنى» ئەمدى نەگە تەتبىقلىنىشى كېرەك؟ دېگەن تېمىدىكى بۇ يىغىنغا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇد خانىم ۋە «يەرشارى ماگنىتسكىي ئادالەت ھەرىكىتى» نىڭ دىرېكتورى بىل بروۋدېر ئەپەندىلەر تەكلىپ قىلىنىپ مۇھىم سۆز قىلغان.

ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىنى ئاڭلىتىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان رەھىمە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۇرۇپپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسلىق، ئۇيغۇرلار ئۇچۇراۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مۇھاكىمە نۇقتىسى بولغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىدە قولى بار ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھەر تەرەپتىن تەشەببۇس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت بىرلىكتە بۇ يىل 22-مارت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگو، سابىق نازىرى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، قوشۇمچە بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇن قاتارلىق 4 نەپەر ئەمەلدار ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە «يەرشارى ماگنىتىسكي قانۇنى» بويىچە جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانىدى.

ماگنىتسكي قانۇنىنى تونۇشتۇرغۇچى ئەرباب، «يەر شارى ماگنىتسكىي ئادالەت ھەرىكىتى» نىڭ دىرېكتورى بىل بروۋدېر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ھەر قايسى پارتىيەلەردىن تەشكىللەنگەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن ۋە ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق پارتىيە گۇرۇپپىلارنىڭ مۇھىم مەسىلىلەردە پارتىيەدىن ھالقىغان ھالدىكى بىرلەشمە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى. گۇرۇپپىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىغا مەن تەكلىپ قىلىنغانلىقىم ۋە ماگنىتسكىي قانۇنىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئەھمىيىتى ھەمدە يۈرگۈزۈشتىكى قەدەم باسقۇچلار ھەققىدە سۆز قىلغىنىمدىن خوش بولدۇم. چۈنكى بۇ، ماگنىتسكي قانۇنىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللىنىشىغا يول ئاچىدۇ دەپ قارايمەن».

بىل بروۋدېر ئەپەندى يەنە، خىتاي ئەمەلدارىغا يېتەرلىك جازا يۈرگۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا تېخى ھېچقانداق ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر ئېلىنمىدى. ئەنگلىيە گەرچە ھازىرغا قەدەر پەقەت 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا قوللانغان بولسىمۇ بۇ يېتەرلىك ئەمەس، بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماسلىق كېرەك، مىليونلىغان ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ زۇلۇمدا قولى بار مىڭلىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىگە ماگنىتسكىي قانۇنى بويىچە جازا يۈرگۈزۈش لازىم».

ئەنگلىيە پارلامېنتنىڭ «يەرشارى ماگنىتسكي قانۇنى» بويىچە پارتىيەلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغۇچىلاردىن لۇكې دې پۇلفورد ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ گۇرۇپپا ۋە يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پارلامېنتتىكى بارلىق پارتىيەلەر گۇرۇپپىسىنىڭ نامىدا، ئەنگلىيە پارلامېنتتىكى ئەزالارنىڭ پارتىيە ھالقىغان ھالدا قۇرۇلغان ئوخشىمىغان مۇھىم مەسىلىلەردە شۇنداق نۇرغۇن گۇرۇپپىلىرى بار. بىزنىڭ بۇ گۇرۇپپىمىز بولسا پارلامېنتنىڭ مەخسۇس ماگنىتسكىي قانۇنىنى تەدبىقلاشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغان پارلامېنت رەھبەر ۋە ئەزالىرىدىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان. يىغىنىمىزغا كەلسەك، بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىمىزدا رەھىمە مەخمۇت خانىم ۋە بىل بروۋدېر ئەپەندىلەرنى سۆزگە تەكلىپ قىلدۇق، رەھىمە خانىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى ۋە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچى جازالىنىشقا لايىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى سۇندى. بىز ماگنىتسكىي قانۇنىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن، زۇلۇم سالغۇچىلارغا بىۋاسىتە ھەمدە داۋاملىق تۈردە جازا قوللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمىز».

ئەنگلىيە پارلامېنتلار بىرلەشمىسىدە خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە ماسلاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئويناۋاتقان لۇكې ئەپەندى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك جازا مۇۋاپىق كېلىدىغان چېن چۈەنگوغا ئوخشاش خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جازانىڭ سىرتىدا قېلىشى، پارلامېنتتا ماگنىتسكىي جازا قانۇنىنىڭ مەشغۇلاتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ تەخىرسىىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى چېن چۈەنگونىڭ ئىسمى ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا بىرلىكى جازا ئېلان قىلىنغانلار قاتارىدا يوق، بىز بىرلىشىپ چېن چۈەنگوغا جازا يۈرگۈزۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز، بۇنىڭ سىرتىدا بىز يەنە پارلامېنت تەرىپىدىن جازا قوللىنىش مىخانىزمىنى كۆزىتىشنى تەلەپ قىلىمىز، چۈنكى بۇ جازا پەقەت ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاشتا بۇ قانۇننىڭ تولۇق ۋە ئەمەلىي تەدبىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايۋاتقانلىقىى كۆرۇلۇپ تۇرۇلماقتا».