داۋىد كامېروننىڭ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2023.11.16
david-cameron-xi-jinping ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى داۋىد كامېرون (David Cameron) خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن كۆرۈنۈش، 2018-يىلى 11-يانۋار، بېيجىڭ
Xinhua

13-نويابىر كۈنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك (Rishi Sunak) ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى داۋىد كامېرون (David Cameron) نى تاشقى ئىشلار ۋەزىرىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. كامېرون رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ ئېغىر خەلقئارا خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ھازىرقى باش ۋەزىرگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخباراتلاردا كامېروننىڭ ۋەزىپىگە قايتا تەيىنلىشى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئىنكاسلاردا، كامېرون باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» گە باشلامچى بولغانلىقى، ئۇنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن بولسا، ئەنگلىيە-خىتاي مەبلەغ فوندىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ھەتتا ئۇنىڭ بېيجىڭغا ۋاكالىتەن، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىكى بىر قىسىم قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ لوبىچىلىق قىلغانلىقى مۇنازىرە قىلىنماقتا.

«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» دە ئېيتىلىشىچە، كامېرون 2010-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» نى كۈتۈۋېلىپ، خىتاي بىلەن ھەرقايسى تەرەپلەردە ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ 2010-يىلى نويابىردا تۆت كابىنېت مىنىستىرى ۋە 50 كە يېقىن ئەنگلىيە سودا رەھبىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بېيجىڭغا بارغان، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىلى ئۆكتەبىردە ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. كامېرون ۋەزىپىسىدىن قالغان مەزگىلدىن كېيىن بولسا، ئەنگلىيە-خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خوڭكوڭ، ئۇيغۇر قاتارلىق مەسىلىلەردە ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرىلىك ۋەزىپىسىدە ۋاقتىدا داۋىد كامېرون شى جىنپىڭ بىلەن باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، «خىتاي بىلەن بولغان سودىنى كۈچەيتىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە چوڭقۇرلاپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق» دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرنى تىلغا ئالماسلىقى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، داۋىد كامېرون يەنە قىممىتى بىر مىليارد فوندستېرلىڭلىق «ئەنگلىيە-خىتاي مەبلەغ سېلىش فوندى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئاتقۇزغان بولۇپ، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى (ISC) بۇ يىلنىڭ بېشىدا داۋىد كامېروننىڭ مەزكۇر ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ چىقىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان. مەزكۇر كومىتېت ئەينى چاغدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا سىڭىپ كىرىش تەشەببۇسىنى قوللىدى ۋە خىتاي تەھدىتىگە تولۇق تاقابىل تۇرالمىدى دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

خىتايغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيەسى بىلەن تونۇلغان ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى داۋىد ئالتون ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خوڭكوڭ مۇخبىرىغا ISC نىڭ كامېرونغا قاراتقان ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ سەمىمىيىتى ۋە تەرەپسىزلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

13-نويابىر، داڭلىق خەلقئارالىق ئاقىللار ئامبىرى Chatham House مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، داۋىد كامېرون (David Cameron) نىڭ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىققا تەيىنلىگەنلىكى، سۇناك ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىدىغانلىقىغا دائىر پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماقالىدا تەكىتلىنىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئوبزور ۋە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كامېروننىڭ بېيجىڭ بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى قايتا-قايتا ئاشكارىلانغان، ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ قايتىپ كېلىشى يالغۇز ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىگە، خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلىرىدىكى پوزىتسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي يەنە ئوتتۇر شەرق ۋە باشقا مەسىلىلەردە ئامېرىكانىڭ سىياسىي يۆنۈلۈشىگە قەدەر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدەك ئېھتىمالنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «ئەنگلىيەدە يۇقىرى دەرىجىلىك كابىنېتنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىدە، ئەڭ چوڭ سىياسىي زەربە بولسا سابىق باش مىنىستىر داۋىد كامېروننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلىنىشى بولدى» دەپ تەسۋىرلىگەن. بىلۇمبېرگ بۇ ھەقتە-13 نويابىر ماقالە ئېلان قىلىپ سابىق باش ۋەزىرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋىتىنى تەنقىد قىلغان بولۇپ، بۇ يېقىنلىق رىشا سۇناك كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ گۇمانى پوزىتسىيەسى بىلەن زىت ئىكەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ تەيىنلىنىشى خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ۋە تېخىمۇ كەڭ خىتاي ماركىسىغا ئىشەنچلىك قەرز بېرىش ئىكەن.

مانا مۇشۇنداق تەنقىدلەرگە قارىماي، سابىق باش ۋەزىر داۋىد كامېروننىڭ ئەمدىلىكتە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىترىلىققا تەيىنلىنىشى ئەنگلىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرىدىن تارتىپ كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئاخبارات ساھەسىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغانلىقى X قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ ھەقتە داۋام قىلىۋاتقان ئىنكاسلاردىنمۇ مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.

ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تونۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئيان دۇنكان سىمىت (Iain Duncan Smith) 13-نويابىر X تا، ئۆزىنىڭ رىشى سۇناكنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىققا داۋىد كامېروننى تەيىنلىنىشىدىن گۇمانلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەمدە داۋىد كامېروننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

دانكان سىمىت، ئەنگلىيەدىكى سىياسىي ئانالىزلارنى ئاساس قىلغان تېلېۋىزىيە قاناللاردىن GB نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ مېنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇردى، ھازىر خىتايدا ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، قۇللۇق ئەمگىكى داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇلارغا قارشى تۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن مەن قاتارلىق 7 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېمبارگوغا ئۇچرىغان ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان بىر مەزگىلدە، دەل ئەكسىچە قانداق بولۇپ يېقىندا خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل تۆلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان داۋىد كامېرون بۇ ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ؟ بۇ، سوئال تۇغدۇرىدۇ؟ بەزى ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا پۇل تۆلەۋاتقاندەك قىلىدۇ؟»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رىچاردسونمۇ بۇنى، «خىتاينىڭ غايەت زور كىشىلىك دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمىدىغان ئاتالمىش ئالتۇن دەۋر» دەپ ئەيىبلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئىشخانىسى مۇدىرى رەھىمە مەھمۇد خانىم «X» تە كامېروننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىترىلىققا تەيىنلەنگەنلىكىگە قارشى ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە دەرھال ئىزاھات بېرىشى كېرەك» دېگەن.

ئەنگلىيەدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇد خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، داۋىد كامېروننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى يالغۇز ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيونلارنى ئوخشاشلا ئەندىشىلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2021-يىلى ئەنگلىيەدىكى ئىككى ئاساسلىق پارتىيەنىڭ بىرى بولغان ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانىدى.

ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ئۆكتىچى كابىنېتىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىرى داۋىد لاممى ئالتون (David Lammy) ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خوڭكوڭ مۇخبىرىغا بەرگەن زىيارىتىدە: «كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، باش مىنىستىر سۇناك ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جامېس كلېۋېرلىينىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇ، ياخشى ئەمەس» دېگەن.

X قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دەۋىد كامېروننىڭ ئەنگلىيە سىياسىي سەھنىىسىگە قايتىپ كېلىشىگە قارشى كۈچلۈك پىكىر بايان قىلىۋاتقانلاردىن بىرى، «خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفورد (Luke de Pulford) دۇر.

ئۇ كامېروننىڭ بۇ يىل 9-ئايدا ئوتتۇرا شەرقتە قىلغان سۆزىنىڭ خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە سىرىلانكىدىكى پورت شەھىرى كولومبو تۈرىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ئائىت ئاشكارىلانغان سىن ئارخىپلىرىنى ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، «قەدىرلىك داۋىد كامېرون، كولومبو تۈرى ئۈچۈن كىمدىن، قانچىلىك پۇل ئالغىنىڭىزغا چۈشەندۈرۈش بېرەمسىز؟» دەپ يازغان.

لۇك دې پۇلفورد، بىزنىڭ «ئەنگلىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىدە يۇمشىتىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق يازغان: «كامېروننىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ھەممىلا ساھەگە بىر خاتا ئۇچۇرنى يوللايدۇ. بۇ ھال يەنە ئ‍ۆز نۆۋىتىدە بۈيۈك بىرىتانىيەنى خىتايغا تولىمۇ ئاجىز كۆرسىتىپ قويىدۇ. خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ كامېرون بىلەن بولغان ئالاقىسىنى دەستەك قىلغان ھالدا ھەممىلا ساھەدە ئۆز پايدىسىغا ئىش كۆرىدۇ. شۇنداقلا بۇ يەنە دۇنياغا «بۈيۈك بىرىتانىيە ھازىر ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدۇ، ھەتتا بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىزغا خىلاپ ئىشلار بولسىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ» دېگەن تەسىراتنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋىد كامېروننىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىشى لازىم بولغان سودا مەنپەئەتلىرى بولۇپ، بۇلارغا چېتىشلىق مەنپەئەتلەر توقۇنۇشى مەسىلىسى كۆپلىگەن سوئاللارنى تۇغدۇرىدۇ.»

ئىلگىرىكى مەزگىللەردە، ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىككە تەھدىت سېلىشى، ئەنگلىيەدە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا تەدبىرى قويۇشى ھەمدە يەنە خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قوللىشىدەك بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىددىيلەشكەنىدى. ئاخباراتلاردىكى ئانالىزلاردا دېيىلىشىچە، كامېروننىڭ ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى رولى ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي كامېرون ئۈچۈن يەنە بىر يوشۇرۇن مەسىلە. كامېرون ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ بېشىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئېنىق بولۇشى كېرەكلىكى ئاساسىي پىكىر ئېقىمىغا ئايلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.