ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتاسى ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان

0:00 / 0:00

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ۋەھشىيلىك، دەپ تەنقىد قىلسىمۇ، بىراق پارلامېنتنىڭ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقلىرىغا ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ھەرىكەت قوللىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.

يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇس خانىمنىڭ بىر قېتىملىق ئىچكى سۆھبەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئېيتىشى ئەنگلىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنى قايتا ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى ئۆتكەن ھەپتە مەخسۇس كۈنتەرتىپ بېكىتىپ، لىز ترۇسنىڭ سۆزى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى مۇنازىرە قىلىپ، ھۆكۈمەتنى خىتايغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. يۇقىرى پالاتا 6-نويابىر ئۆتكۈزگەن يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىنى سوراققا تارتقان.

ئەنگلىيەدىكى «ئېكسپرەس» گېزىتىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇس ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كورولىن ۋىلسون بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەنگلىيەنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلغاندا ئۇنىڭغا خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا سودا مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان لىز ترۇس كارولىن ۋىلسوننىڭ «خىتايغا نېمە ئۈچۈن فىرانسىيەگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى تۇتمايمىز؟» دېگەن سوئالىغا «چۈنكى، فىرانسىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىدى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى يىغىنى لورد ئالتون باشچىلىقىدىكى 20 كىشىلىك بىر لوردلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا لورد ئالتون ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى كوللېكتىپ جىنايەتكە ئائىت ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان دەلىللەر بىلەن يۈزلىشىشكە چاقىرىپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن چېن چۈەنگونى جازالىمىغانلىقى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەنگلىيەدىكى مال-مۈلكلىرىنى تەكشۈرمىگەنلىكى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا يول قويغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى بار، دەپ قارايدىغان-قارىمايدىغانلىقى قاتارلىق سۇئاللارنى قويغان.

لورد ئالتون: «ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەنگلىيەدىكى مال-مۈلكلىرىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلىقى، نېمە ئۈچۈن رايوندىكى باستۇرۇشقا چېتىشلىق تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى جازالاپ، بارلىق ئىشلارنىڭ، جۈملىدىن تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭمۇ پىلانلىغۇچىسى بولغان چېن چۈەنگونى جازالىمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك» دېگەن.

لورد ئالتوننىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جىددىي خەۋپى مەۋجۇت، دەپ قارايدىغان ياكى قارىمايدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشى، ئەگەر ئۇنداق، دەپ قارىمىسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنداق، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى چۈشۈندۈرۈشى كېرەك» ئىكەن.

لورد ئالتون يەنە خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، بىراق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى خەلقئارا سوت بېكىتسۇن، دەپ تۇرۇۋېلىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى تەنقىدلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى «ئاۋام پالاتاسى، تاشقى ئىشلار ئالاھىدە كومىتېتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭمۇ كۆپ خىل تەۋسىيەلىرىنى نەزەرگە ئالمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىشىنىڭ يولىنى ئېچىشى، كەلگۈسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ئۈچۈن دەلىل توپلىشى كېرەك ئىكەن.

لورد ئالتون مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى ئادالەت تېپىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ئەدلىيە ۋاسىتىسى بىلەن تەمىنلىشىمىز، ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىنى بايقاش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىز يەنە كەلگۈسىدىكى سوت ئۈچۈن دەلىل توپلاشقا ۋە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بىز كېچىككەن بولساقمۇ، ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك تەمىنات زەنجىرى ۋە سودىسىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇنىڭغا قارشى ياكى ئەمەسلىكىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئۆتكەن ھەپتە مەن بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ ماڭا ئائىلىسىدىكى 20 كىشىنىڭ غايىب بولغانلىقىنى ئېيتتى. بىز بۇ كىشىلەرنى، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدە گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىتلارنى قوغداش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدۇق؟ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن نېمە ش قىلدۇق؟»

ئەنگلىيەدىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بېسىمى ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇرلىماقتىكەن. پائالىيەتچىلەر ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 6-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنگلىيەدىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىمۇ بۇ بېسىمنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

د ئۇ ق نىڭ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكاغا ئاۋاز قوشۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دەرھال بايقۇت قىلىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ۋە خىتاينىڭ نازارەت تېخنىكىسىنى چەكلىشى قاتارلىق پىكىرلەر چۈشكەن.

رەھىمە ماھمۇت 6-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە لىز ترۇسنىڭ بۇرۇن ئېيتقان خىتاي «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتىدۇ، دېگەن سۆزىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەت تېخى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان ئىككى يىل ئاۋۋالقى سىياسىتىگە قارىغاندا ھازىرقى سىياسىتى كۆپ ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتاسىنىڭ يىغىنىدا پالاتا ئەزاسى بارونە كېنېدى خانىم، ھۆكۈمەتكە ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىگە ئاساسەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى خاتىرىلەتكەن.

ئۇ: «مەن دائىم بۇ پالاتادا قىلغان سۆزلىرىمدە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ۋەھشىيلىك دەرىجىسىنى ئەسكەرتىپ كەلدىم. شۇڭا مەن بۇنىڭ تەپسىلاتىغا كىرمەيمەن. بىراق بىز نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئەلۋەتتە بولۇۋاتقان ئىشلار ئەڭ دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر. بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغاندا بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئۈستىمىزگە ئالغان» دەپ تەكىتلىگەن.

بىراق يىغىندا ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى پالاتادىكى ئىشلار ۋەكىلى لورد ئەخمەت پالاتا ئەزالىرىغا جاۋاب بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىغان. ئۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سوتنىڭ قارار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كونكرېت قانداق ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشقا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لورد ئەخمەت: «بىز داۋاملىق ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كونكرېت قانداق ئىشلارنى قىلىش مۇمكىنچىلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قانداق كونكرېت ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا مەركەزلىشىمىز» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى «دۇنيا دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ئىكەن.

ئەنگلىيەنىڭ بورىس جونسون ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ مۇقىملاشتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلغان. بىراق ئارقىدىنلا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇسنىڭ ئىچكى قىسىمدا خىتاينىڭ مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، لىز ترۇسنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى قىسىمدا قىلغان سۆزىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سىياسىتىگە ئايلىنىشى ياكى ئايلانماسلىقىنى ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى بەلگىلەيدىكەن.