ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خەلقئارادىكى زور تېمىلاردىن بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ توغرىسىدا بەزى جازا چارىلىرىنى ئىجرا قىلغان ئىدى. ئەمما خەلقئارادىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن داۋاملىق سودا ئالاقىسىدا بولۇشى بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى. ئەنە شۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بىرەر ئېنىق قارار ئېلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە «ئەنگلىيە تاموژنىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشىگە يول قويماقتا. بۇنىڭغا ئەمدى چەكلىمە قويۇش كېرەك» دېگەن مەزمۇندىكى ئەرزنامىسىنى تاپشۇرغان ئىدى. 15-دېكابىر كۈنى ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر ئەرزنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەمدە بۇ توغرىسىدا ئالىي سوتتا مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنى ئېچىشقا ئىجازەت بەرگەنلىكى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن لوندوندىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ يېقىنقى ھۆكۈمنامىسىدىن كېيىنكى يەنە بىر سوتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى رەسمىي باشلاندى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، بۇ خىلدىكى «زامانىۋى قۇللۇق ئەمگىكى» نىڭ ئەنگلىيە قانۇنىدا مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق شۇنچە كۆپ مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگلىيەدە كۆپلەپ ئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قانۇنىي ھەركەت پائالىيىتىنى باشلاشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ ئەنگلىيەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇتنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ھەققىدىكى بۇ ئەرزنامە پائالىيىتى باشلانغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان. ئەمما ئالىي سوت دەۋا ۋە ئەرزنامىلەرنى تاللاپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق، شۇنىڭدەك مىنىستىرلىك دەرىجىسىدىكى «خانلىق كىرىم-چىقىم ۋە تاموژنا ئىدارىسى» (HMRC) بىۋاستە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ تەلەپتىن ھازىرغىچە بىرەر نەتىجە چىقمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ قېتىم رەسمىي ھالدا بۇ مەسىلىنى ئەنگلىيەنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.
مەزكۇر يېڭىلىق ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىمقى ئەرزنامىسىنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان «دۇنيا قانۇنىي ھەركەت تورى» ئادۋۇكاتلىق ئورنى بولدى. لوندوندىكى بۇ ئادۋۇكاتلار گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش سۈپىتىدە ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ د ئۇ ق تاپشۇرغان ئەرزنامىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى «بىر قېتىملىق بەكمۇ مۇھىم ۋە ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىلگىرىلەش» دېيىلىدۇ. بۇ قېتىملىق ئەرزنامىنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋۇكاتلارنىڭ بىرى دېربلا مىنوگو خانىم بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە بەردى.
«بۇ ئەرز ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان. بىرىنچى بۆلىكىدە بىز تاموژنا ساھەسىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ۋۇجۇتقا كەلگەن پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشتىن چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ دەسلەپكى ھەركىتىمىز نەتىجىسىز ئاياقلاشتى. ئىككىنچى بۆلىكى بولسا بىز دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار تەپتىش مەھكىمىسىگە بۇ مەسىلىنى ئەرز قىلىپ سۇندۇق. ئەرزىمىزدە شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىۋاتقان بۇ پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىدىغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بولسا جىنايى ئىشلارغا ياتىدىغانلىقى، ئەنگليەدىكى جىنايى ئىشلارغا دائىر قانۇنلار بويىچە بۇ خىل جىنايەتكە شېرىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۇلاردىن بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق. ئەمما ئۇلارمۇ بۇ تەلەپنى رەت قىلدى.»
دېربلا خانىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى باسقۇچلۇق يوللۇق تەلىۋى رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار ئالىي سوتقا ئەرز قىلىشنى قارار قىلغان. ئەمدى ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ ئەرزنامىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن تەرتىۋى بويىچە بۇ ھەقتە مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىدىكەن. ھازىرقى ئەھۋالدا بۇ گۇۋاھلىق يىغىنىدا نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى، بولۇپمۇ بۇنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ساھەدە قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقى نۇقتىلىق ھالدا قاراپ چىقىلىدىكەن.
دېربلا خانىم بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى بەكمۇ مۇھىم دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھازىر نۇرغۇن شىركەتلەر بۇ مەسىلىنى مۇشۇنداقلا جىمىپ كەتسىكەن، دېگەننى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارچە بولغاندا ئىشلار مۇشۇنداق ئاياقلاشسا ئۇلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن پاختا مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە قىلىشقان ھەمدە ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقان سودا پائالىيەتلىرىنى ھېچكىممۇ بىلمەي قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە بولسا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قولىدىكى بۇ پاختا مەھسۇلاتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق قولغا كەلگەن. شۇڭا ئەنگلىيە شىركەتلىرى ھەمدە باشقا دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەر بۇ خىل پاختا مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن بۇ ھەقتە چەكلىمە خاراكتېرىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى خالىمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەيىبلەيدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ قويۇپلا بۇ خىل پاختا مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق سېتىۋېلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ شىركەتلەرنىڭ بۇ خىل سودا پائالىيىتىنى چەكلەيدىغان بۇ ھەركەتتە ئاشۇ خىلدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان شىركەتلەر جازالىنىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتاي پاختا شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كېسىپ تاشلاپ، تېخىمۇ چوڭ خېيىم-خەتەرلەرگە مۇپتىلا بولۇشى ئېنىق.»
رەھىمە مەھمۇدنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم ئەنگلىيە ئالىي سوتىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى مىنىستىرلىك دەرىجىسىدىكى بىر ئىدارە ئۈستىدىن سۇنۇلغان بىر ئەرزنامىنى بۇنچە تېز تەستىقلىشىدا لوندوندىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. دولقۇن ئەيسا بولسا بۇنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تېخىچە دەرگۇماندا بولۇۋاتقان غەرپ دۇنياسىنىڭ ھەقىقەتكە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، «دۇنيا قانۇنىي ھەركەت تورى» ئادۋوكاتلىق ئورنى مەزكۇر ئەرزنامىنى سوتقا سۇنۇش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن د ئۇ ق دىن ھېچقانداق ھەق ئالمىغان. ئەكسىچە، بارلىق زېھنىي قۇۋۋىتىنى قانداق قىلىپ بۇ قېتىملىق داۋانى كۆڭۈلدىكىدەك ئاياقلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرگەن. دېربلا خانىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار مۇشۇ قېتىملىق داۋا ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە بەلگىلىك قاراشقا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. گەرچە بۇ قېتىملىق ئەرزنىڭ قانداق ئاياقلىشىشىغا ھازىرچە كېسىپ بىرنەرسە دېگىلىمۇ بولمىسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەركىتىدىن، شۇنىڭدەك ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن يەنىلا ئۈمىدۋار ئىكەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر دەۋانىڭ بىرىنچى قەدىمى ئوڭۇشلۇق بېسىلغان بولۇپ، بۇ داۋانىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە كۆپلىگەن خىزمەتلەر ئىشلىنىدىكەن. جۈملىدىن ئالىي سوتنىڭ بۇ قېتىمقى سوت پائالىيىتى ئۈچۈن ئالىدىغان ھەقلىرىگە خالىسانە ئىئانە توپلاش خىزمىتىمۇ باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سوتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 16-دېكابىر كۈنى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىشىدىن كۆپ خوشاللىققا چۆمگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تەقەززا قىلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ۋەقە بولۇپ قالماقتا ئىكەن.