كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىشتا ئارقىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنى بۇ جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىق بولۇشقا چاقىرىدى.
ئەنگلىيە ۋە كانادا بۇ ھەپتە ماس قەدەمدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە ۋە كانادا كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىشى ياكى ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان.
ئەنگلىيە ئېلان قىلغان تەدبىرلەر ئەنگلىيە كارخانىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بايقالغان مال تەمىنلىگۈچىلەرنى ئىشلەتمەسلىك، ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا يولغا قويۇلغان ئېكسپورت كونتروللۇقىنى ئورۇندىيالمىغان تەشكىلاتلارغا جەرىمانە قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەنگلىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ياسمىن ئاھمەد شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئەنگلىيە ئالغان بۇ تەدبىرلەرنىڭ كانادا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە يېقىندا ئامېرىكىدا كۈچەيتىلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش تەدبىرلىرىدەك كۈچلۈك ئەمەس» لىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە ئېلان قىلغان تەدبىرلەر خىتاي شىنجاڭدا سادىر قىلىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چىداپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر سىگنالنى بەردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى تەدبىرلەر، ئەمما ئەگەر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان كارخانىلارغا ئىمپورت چەكلىمىسى ۋە قانۇنىي جازا يۈرگۈزۈشى كېرەك.»
يېقىندا ئەنگلىيەدىكى ماركس ۋە سپېنسېرگە ئوخشاش نوپۇزلۇق شىركەتلەر تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ چىقىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئىشچىلارغا تۆلەم تۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.