ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-01-18
Share
ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب 17-يانۋار خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان. 2021-يىلى 17-يانۋار.
Social Media

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب 17-يانۋار خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان. رابنىڭ تەكىتكلىشىچە، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى يالغان دېسە، ئۇ ھالدا خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇپ، بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئىكەن.

دومىنىك راب 17-يانۋار كۈنى ئەنگىلىيە «ئاسمان خەۋەرلىرى» (Sky news) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىگەن: «خىتاي بۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرب ياساپ چىققان يالغان خەۋەرلەردۇر، ئەنگىلىيە بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ كەلدى. بىز شۇنى دەۋاتىمىز، ئەگەر سىز بۇ ھەقتىكى بايانلارنى، ئىپادە ۋە خەۋەرلەرنى قوبۇل قىلمىسىڭىز، ئۇ چاغدا بۇنى ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي يولى بار. ئۇ بولسىمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ زىيارەت قىلىشى، بۇ ئورۇنلارنى تەكشۈرۈشى ۋە كۆرۈشىگە يول قويۇشتۇر.»

دومىنىك راب مۇخبىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەكىتىنى ئىرقىي رىغىنچىلىق، دەپ قارايدىغان-قارىمايدىغانلىقى، بۇ مەسىلىنى بۇ يىل 6-ئايدا ئەنگىلىيەنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» دا كۈنتەرتىپكە قويۇدىغان-قويمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىغا، «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇرەككەپ ئېنىقلىمىسىغا چۈشىدىغان-چۈشمەيدىغانلىقىنى سوت قارار قىلىشى كېرەك،» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، سوت قانداق قارار قىلسا قىلسۇن، خىتاينىڭ ئۇيۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قورقۇنچلۇق دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى نۇپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ دوكلاتلىرىدا قايىل قىلارلىق ۋە ئىشەنچىلىك شەكىلدە ئەكس ئەتمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت