ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب 17-يانۋار خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان. رابنىڭ تەكىتكلىشىچە، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى يالغان دېسە، ئۇ ھالدا خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇپ، بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئىكەن.
دومىنىك راب 17-يانۋار كۈنى ئەنگىلىيە «ئاسمان خەۋەرلىرى» (Sky news) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىگەن: «خىتاي بۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرب ياساپ چىققان يالغان خەۋەرلەردۇر، ئەنگىلىيە بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ كەلدى. بىز شۇنى دەۋاتىمىز، ئەگەر سىز بۇ ھەقتىكى بايانلارنى، ئىپادە ۋە خەۋەرلەرنى قوبۇل قىلمىسىڭىز، ئۇ چاغدا بۇنى ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي يولى بار. ئۇ بولسىمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ زىيارەت قىلىشى، بۇ ئورۇنلارنى تەكشۈرۈشى ۋە كۆرۈشىگە يول قويۇشتۇر.»
دومىنىك راب مۇخبىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەكىتىنى ئىرقىي رىغىنچىلىق، دەپ قارايدىغان-قارىمايدىغانلىقى، بۇ مەسىلىنى بۇ يىل 6-ئايدا ئەنگىلىيەنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» دا كۈنتەرتىپكە قويۇدىغان-قويمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىغا، «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇرەككەپ ئېنىقلىمىسىغا چۈشىدىغان-چۈشمەيدىغانلىقىنى سوت قارار قىلىشى كېرەك،» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، سوت قانداق قارار قىلسا قىلسۇن، خىتاينىڭ ئۇيۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قورقۇنچلۇق دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى نۇپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ دوكلاتلىرىدا قايىل قىلارلىق ۋە ئىشەنچىلىك شەكىلدە ئەكس ئەتمەكتىكەن.