19-يانۋار كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا ناھايىتى ئاز پەرق بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەن «سودا قانۇنى لايىھەسى» 2-فېۋرال كۈنى تولۇقلاپ سۇنۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىم يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.
ئىككىنچى قېتىم ئاۋازغا قويۇلغان «سودا قانۇنى لايىھەسى» ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىنغان بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشكە دەۋەت قىلغان.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشتىن باشقا، يەنە ئەنگىليەنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمىنى قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.
ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى داۋىد ئالتون پارلامېنتتا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «سوتچى توماس بۇئېرگېنتال ياش ۋاقتىدا ئائۇسشىۋىتس جازا لاگېرىغا قامالغان. ئۇ ھايات قالدى. سوتچى بۇئېرگېنتال بۇ ۋەزىپىنى ھەممىمىزگە تاپشۇردى. ئىنسانلارنىڭ ئەقلى بۇ قورقۇنچلۇق ھەقىقەتنى پەقەتلا چۈشىنەلمەيدۇ: بىر مىللەت سەۋەبسىز مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى پەقەت ئۆزىگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن يوقىتىشنى پىلانلىغان ئادەم ئۆلتۈرۈش ماشىنىسىغا ئايلاندى. ئەگەر بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنىنى قولىمىزدىن ئاسانلا يۇيۇپ چىقىرىۋېتەلىسەك، ئۇنداقتا كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنى ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەنگە ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قايتا سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟ ئەگەر بىز گۇناھسىز ئىنسانلار ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ قۇربانى بولىدىغان دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشمىساق، ئىنسانىلارنى بېشىغا كېلىشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق جىنايەتلەردىن قوغداپ قىلىشقا ئۈمىدىمىز قالمايدۇ.»
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىق دەۋرىنى بۇزۇش ئۈچۈن كۆرسىتلىگەن تىرىشچانلىق بولۇپ، ئەگەر بىز بۇنى قوللىمىساق، بىگۇناھ ئىنسانلار ئۇچرايدىغان زۇلۇم توختىمايدۇ.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم «سودا قانۇنى لايىھەسى» نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ 8-دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 7-دېكابىر ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئەنگىلىيە «سودا قانۇنى تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» نى مۇزاكىرىگە قويۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي بىلەن سودا قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرىلەشكەن، نەتىجىدە بۇ لايىھە 161 ئاۋازغا قارشى 287 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ۋە ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر قانداق دۆلەت بىلەن سودا قىلماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدىكى پرىنسىپ دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشقان ئىكەن.
خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكىنىڭ كېلىشتۈرگۈچىسى لۇك دې پۇلفورد ئەپەندى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «شۇنى ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يولغا قويۇلسا، ئۇيغۇرلار ۋە ياكى مەلۇم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يۇقىرى سوتقا بېرىپ، سوتچىدىن ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› دەپ بېكىتىشىنى تەلەپ قىلالايدۇ. بۇ لايىھە شۇ بىر قانچە نۇقتىدىن ناھايىتى مۇھىم. بىرىنجىدىن، نورمال سىستېما بويىچە قانۇنىي جەھەتتىن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىش مۇمكىن ئەمەس. نورمال سىستېما بويىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارالىق سوتنىڭ خەۋپسىزلىك كىڭېشىگە سۇنۇشى كېرەك ئىدى. لىكىن بىلگىنىمىزدەك، خىتاي ئۇنىڭغا دەخلى قىلىدۇ. بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز قانۇنىي يول بىلەن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قارارىنىڭ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. ئەنگلىيەدە بۇنداق قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەنگىلىيەنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› قا قارشى تۇرۇش سىياسىتى 40 يىللىق تارىخىقا ئىگە. بۇ يەردە قارار بېرىدىغى سوتچى، سىياسىئون ئەمەس. سىياسەتكە تايىنىپ مەسىلىنى سوتقا ئىلىپ چىقىش قىيىن. بىزنىڭ پارلامېنتقا سۇنغان لايىھەمىز شۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.»
رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى كىلەركى ھەپتە كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن. لۇك دې پۇلفورد ئەپەندى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما يەنە ئاخىرىدا كەسكىن قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ماقۇللانماي قالسا، يەنە قايتىدىن ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويىلىدۇ. بىز قانۇن لايىھەسىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويىمىز. بىز بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتكۈچە داۋاملاشتۇرىمىز، توختاپ قالمايمىز.»