ئەنگلىيە ئەمگەك پارتىيەسى: «بىز ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تىرىشىمىز!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.03.30
ئەنگىلىيە پارلامېنتى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى ئاپرېل، لودون.
Rehime teminligen

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەڭ دەسلەپ رەسمىي ھالدا قارار ئالغاندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىكى بىر قىسىم پارلامېنتلارمۇ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى ھەمدە بۇ ھەقتە قارار ئالدى. غەرب دۇنياسىدىكى زور تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار ئالغان ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خىزمەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغاندىن كېيىن بۇ جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتنىڭ كۆلەڭگىلىرى 29-مارت كۈنى نامايان بولۇشقا باشلىدى.

«سىياسىيون» (Politico) گېزىتىنىڭ 29-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە ئەمگەك پارتىيەسى رەسمىي ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرى كېلەر يىلدىكى سايلامدا يېڭىپ چىقىپ ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى رەسمىي ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ سەپلەنمە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دېيۋىد لاممىي (David Lammy) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «كېلەر قېتىملىق ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش پۇرسىتىگە ئېرىشسەك مەن ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە رەسمىي قارار ئېلىشقا تىرىشىمەن» دېگەن. ناۋادا بۇ تىرىشچانلىق ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە رەسمىي قارار ئالغان ئىككىنچى ھۆكۈمەت بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بار، دەپ قارىلىشقا باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى، لاگېرلاردا روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا مەھكۇم قىلىشى، ئاخىرىدا ئۇلارنى تۈركۈم-تۈركۈمدە خىتاينىڭ «زامانىۋى قۇللار قوشۇنى» غا ئايلاندۇرۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىققان، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ رەسمىي دوكلاتىدىمۇ بۇ ھالنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، خىتاي بىلەن بولىدىغان غايەت زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە سودا پائالىيەتلىرى نۆۋەتتە كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنى بۇ ھەقتە قارار ئېلىشتىن توسۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئەمگەك پارتىيەسى 2021-يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە دېيۋىد لاممىي ئەپەندى سۆز قىلىپ «بۇ ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانى. خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرى بىزنى زور ئەندىشىگە گىرىپتار قىلماقتا» دېگەن. شۇنىڭدەك ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار ئالغان، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ھەقتە ئ‍ۆز ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەۋاتقان ئەھۋالدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە سۈكۈت قىلىشىنى توغرا كۆرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانى ۋە كۆزقارىشى ئاشكارا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ تەرەققىياتنى قىزغىن ئالقىشلىدى. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇد خانىم بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، بۇنىڭ كىشىگە تولىمۇ ئۈمىد بېغىشلايدىغان بىر خەۋەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ھازىر كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى دادىللىق بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان بولسىمۇ ھازىرقى ھۆكۈمەتتىن تېخىچە بىرەر زور تەدبىر ۋۇجۇدقا كەلمىدى. ئەمما خەلقىمىز ھەر بىر مىنۇتتا توختىماستىن قىرىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ بۇ خىل مەيدانى ماختاشقا سازاۋەر» دېگەن. رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، بۇنىڭدىكى بەزى رېئاللىقنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ بۇ خىل مەۋقەسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرىنىمۇ سۆيۈندۈرگەنلىكى مەلۇم. «خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفورد (Luke de Pulford) بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ جاۋابىدا مۇنداق قۇرلار كۆزگە چېلىقىدۇ: «ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ سەپلەنمە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (دېيۋىد لاممىي) ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى پات-پات تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمگەك پارتىيەسى قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن سودا ئالاقىسىدە بولماسلىق ھەققىدىكى ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم بېلەت تاشلىغان. شۇڭا سەپلەنمە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزلىرىدىن مەن قىلچىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلمىدىم. ئەمما بۇ يەردىكى ھەقىقىي سىناق ئەمگەك پارتىيەسى رەسمىي ھالدا ھۆكۈمەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ مەيدانىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدا نامايان بولىدۇ. دەرۋەقە، ئەگەر بىرىتانىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىرغىنچىلىق ھەققىدە رەسمىي قارار ئالسا بۇ بىزنىڭ ‹قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى› ۋە باشقا ساھەلەردىكى مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىمىزغا يول ئاچىدۇ. بىز بۇ مەنزىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە كۈرەش قىلىمىز.»

رەھىمە مەھمۇدنىڭ قارىشىچە، دىپلوماتىيە دۇنياسىدا ھاكىمىيەتكە چىقىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا سىياسىيونلارنىڭ ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت. ئەمما بۇ ھال ھازىر ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردىن كەڭ يەر ئالسا ئۇ ھالدا ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىۋېلىشى ئۇلار ئۈچۈن قىيىنغا چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىشتا تۈرلۈك يىغىلىش ۋە نامايىشلارنى تەشكىللەپ، پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان جايا پاساك (Jaya Pathak) ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى تەرەققىياتتىن قىسمەن بولسىمۇ ئۈمىد نۇرىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ رادىيومىزغا قايتۇرغان بۇ ھەقتىكى يازما جاۋابىدا مۇنداق قۇرلار بار: «دېيۋىد لاممىي ھازىر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى بويىچە ئ‍ۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ساھەسىدە مەغلۇپ بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇ جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش قاتارىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى رىغبەتلەندۈرىدىغان بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئ‍ۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت ئىزدەش يولىدىكى خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتى ئاتا قىلىدۇ.»

رەھىمە مەھمۇد خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى يۈزلىنىش ئەنگلىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بىر قېتىملىق روھىي سىلكىنىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ھارماي-تالماي تىرىشىپ قىلىۋاتقان داۋا ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەمگەك پارتىيەسى ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاساسلىق سىياسىي پارتىيەلەردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 2024-يىلدىكى سايلامدا يېڭىپ چىقىش ئېھتىمالى چوڭ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 1922-يىلىدىن بۇيان ئەمگەك پارتىيەسى ئىزچىل ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغۇچى پارتىيە ياكى ئەڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە بولۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.