ئەنگىلىيە پارلامېنتى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق»

0:00 / 0:00

ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزالىرى 22-ئاپرىل بىلەت تاشلاپ، بىردەك ئاۋاز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دەپ ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيەلەردىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونىغان 4-دۆلەت بولۇپ قالدى.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش، خورلاش، سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئائىلىلىرىنى پارچىلاش، ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ، نۇپۇسىنى ئازايتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيىتى، تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلدى.

قارار لايىھەسى 22-ئاپرىل ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسىدا مۇنازىرە قىلىنغاندىن كېيىن پالاتا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، قارار لايىھەسىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئەيىبلەنگەن. قارار لايىھەسى مۇنازىرىگە قويۇلغاندا كونسېرۋاتىپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى نۇسرەت غەنى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ بارلىق ئىپادىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

نۇسرەت غەنى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەقەمسايىلىرىمنىڭ شۇ پىكىرلىرىگە قېتىلىمەن، بىز بۇ سۆزنىڭ ئوزگىچە مەنىسىنى خاتا ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. بىراق ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى كەڭ كۆلەملىك ئۆلتۈرۈش، دەيدىغان خاتا قارار مەۋجۇت. بۇنداق قاراش خاتا. ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ 2-ماددىسىدا ‹ئىرقىي قىرغىچىلىق› قىلمىشىغا تەبىر بېرىلگەن. ئۇنىڭدا مىللىي، ئېتنىك، ئىرقىي ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش مەقسىتىدىكى ھەرقانداق غەرەزلىك ھەرىكەت ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دىيىلگەن.»

ئۇ يەنە ئىرقىي قىرغىچىلىقنىڭ بارلىق ئىپادىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا سادىر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقەمسايىلىرىمنى شۇ 3 نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا ئۈندەيمەن. بىرىنچى، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› مەقسەتنى ئۆلچەم قىلىدۇ. ئىككىنچى، بۇلارنىڭ ھەرقانداق بىرىنى مەقسەتلىك سادىر قىلىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىدۇ. ئۈچىنچى، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئامىللىرىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا سادىر بولدى. شۇڭا، بىز ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› سۆزىنى خاتا ئىشلەتمەسلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا، زۆرۇر تېپىلغاندا، بىز ئۇنى چوقۇم ئىشلىتىشىمىز كېرەك.»

ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ قارارى ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئەنگىلىيەدىكى پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە ماھمۇت خانىم 22-ئاپرىل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قارارنىڭ بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىنىڭ سىمۋۇللۇق ئەھمىيىتى، ئۇنىڭ بېرىدىغان سىگنالى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەھىمە مەھمۇت مۇنداق دېدى: «ئەنگىلىيەنىڭ تارىخىدا 2-قېتىم مۇشۇنداق بىر پارلامېنت قارارى ئېلىنغان ئىكەن. بىرىنچىسى، 2016-يىلى يەزىدىلەرگە ‹ئىسلام دۆلىتى› تەرىپىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دىگەن قارارى. بۇنىڭدا 300 گە يېقىن مىللەت ۋەكىلى بۇ قارارغا قوشۇلۇپتىكەنتۇق. ئەمما بىزنىڭكىسى تېخىمۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى بىرمۇ ئاۋاز بۇنىڭغا قارشى چىققىنى يوق. بۇ قارار پۈتۈنلەي قارشىلىقسىز، بىرمۇ قارشى ئاۋاز يوق ئۆتتى. بۇ ئەنگىلىيەنىڭ پارلامېنتىدىمۇ تارىخىي بىر ئىش.»

رەھىمە مەھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قارار ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن. رەھىما مەھمۇت يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەك مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ ھېساپلىغاندا ھۆكۈمەت بەزىدە قارارلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى ئورۇنلىرىدىكى مىنىستىرلارمۇ، ھەتتا بورىس جونسونمۇ يەنىلا خەلقنىڭ پىكىرىگە دىققەت قىلىدۇ ھەم بەزىدە ئۆزىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.»

ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى مۇنازىرىدە پالاتا ئەزاسى نۇسرەت غەنى، ھۆكۈمەتنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا سوتنىڭ قارار بېرىشىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىراق سوتنىڭ يولىنى خىتاينىڭ كونترول قىلىۋالغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ب د ت دا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پەقەت سوت قارار قىلىشى كېرەك، دىگەندە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بىراق سوتقا بارىدىغان ھەر بىر يولنى خىتاي كونترول قىلىۋالغان. بۇ دىگەنلىك پاكىتلارغا قارىماي شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سۇرۇشتۇرۇلمەيدۇ، دىگەنلىك… بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ب د ت تەرىپىدىن پۇت-قولى باغلىنىپ، پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى. بىز كونتروللۇقنى قايتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەل قىلىش يولىمىزنى خىتاينىڭ كونترول قىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ.»

ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ قارارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغىغان مەزگىلدە ماقۇللاندى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئەنگىلىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭ مەسىلىسىدە «خاتا يولغا ماڭماسلىق» نى، خىتاينىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتى» نى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىراق ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ بۈگۈنكى قارارى ئۇنىڭ بۇ تەھدىتلىرىگە باش ئەگمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.