«ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە پارلامېنتتىكى ھەممە پارتىيەلەر ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەنىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

19-ماي كۈنى ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى قۇرغان «ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە پارلامېنتتىكى ھەممە پارتىيەلەر ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى» ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا ئىنكاس قايتۇرۇش» ناملىق تور يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، بولۇپمۇ ئۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» گە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ توختىتىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئالىستېر كارمايكىل ۋە نۇسرەت غانى خانىم يىغىن بېشىدا قىلغان كىرىش سۆزلىرىدە ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغاندىن كېيىنكى قەدەم سۈپىتىدە ئەمدى بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ۋە ئۇنى جازالاشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن پارلامېنتتىكى ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى نۇسرات غېنى (ئوتتۇرىدا) ۋە ئىئىن دانكان سىمىس (ئوڭدا) ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيە پارلامېنتىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرماقتا. 2021-يىلى 22-ئاپرېل، لوندون.

نۇسرەت غەنى خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ۋە بۇ زۇلۇمغا ئەنگىلىيە شىركەتلىرىنىڭ ئورتاق بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدىكى ھەرىكىتى ئۈچۈن جازا تەدبىرى قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان زامانىۋى قۇللۇققا قۇلاق يوپۇرۇپ تۇرۇۋېلىشى ۋە ھەتتا ئۇنىڭغا شېرىك بولۇشى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ئۆزى ۋە سەپداشلىرىنىڭ پارلامېنتتىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى قوللىنىپ، چوقۇم بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ بىر ئىنسانىي بۇرچ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئاكادېمىيە ئەركىنلىكى قاتارلىق نېگىزلىك مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن گ-7 دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مېنىڭ ئەندىشەم ئەگەر بىز خىتاي ئوچۇق-ئاشكارا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغىمۇ قارشى تۇرالمىساق، ئۆزىمىزنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىمىزغا قانداق كاپالەتلىك قىلىمىز؟» دېدى.

ئارقىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن دېموكراتىك دۆلەتلەر قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مۇھىم نوقتىلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ بىرىنچىدىن، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم خىتاي قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەر بىر پۇرسەتتە ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، خىتايدەك نام-ئابروي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا مەنپەئەتىدىن ئىبارەت ئىككى نەرسىگە زور ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر دۆلەت ئۈچۈن خەلقئارالىق ئەيىبلەشنىڭ زور رولى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ يېـتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنداق جازا تەدبىرلىرىنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگىچە كېڭەيتكەندىلا، ئاندىن خىتايغا يەنىمۇ ئوچۇق سېگنال بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككىنچىدىن، ئۇ ئامېرىكادىكى سودا ساھەسىنىڭ، خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشىنىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا باشقا ھۆكۈمەتلەر بىردەك ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن سودا ساھەسىگە قارىتا بىر سودا كۆرسەتمىسى تەييارلىنىشى، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىشىنىڭ سوراقسىز قالمايدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. نۇرىي تۈركەل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىيە قاتلىمىدا بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

ئوتتوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ باشلىقى جون پاركىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» بويىچە يۇقىرىقىلارغا قول قويغان ھەرقانداق دۆلەتنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە ھەتتا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، يۇقىرىقى ئەھدىنامىلەر بويىچە ھۆكۈمەتلەرگە ھوقۇق بېرىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. بولۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، بۇ نوقتىدا شەخسلەر ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوقتىلىق جازالاش ئوبيېكتى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ شۇنداق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

يىغىندا سۆزلىگۈچىلەردىن بىرى ئەنگىلىيە نيۇ-كەسېل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور جوئاننې سىمىس فىنلىي خانىم بولۇپ، ئۇ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان قېيىن مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ كەلگەن بىر تەتقىقاتچى. ئۇمۇ يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق جازا تەدبىرىگە ئۇچرىغان ياۋۇرۇپالىق سىياسەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. جوئاننې فىنلىي سىمىس خانىم بۈگۈنكى يىغىندىكى سۆزىدە نوقتىلىق ھالدا خىتايغا بېقىندىچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىقتىسادىي ئالاقىلەر ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ بۇنىڭدا ئەنگلىيەدىكى ۋە ئاۋسترالىيەدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئېغىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان، يەنى خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن كېلىدىغان پۇلغا تايىنىپ قېلىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلارنىڭ بۇنداق ئىقتىسادىي بېقىندىچىلىق ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىشى ۋە بۇنىڭ يوللىرى ئۈستىدە جىددىي ئىزدىنىش لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك ئۇچۇر ئۇرۇشىنىمۇ تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، بۇنىڭغا قارشى چەت ئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارغا مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم، دېدى.

يىغىن ئاخىرىدا تەتقىقاتچى دوكتور ئادۋىلىنا ئوچاب سۆزىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى باشقا جايلاردا يۈز بەرگەن زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەيىبلەشتە ئۆزگىچە شارائىتتا ئۆزگىچە ئۇسۇل قوللانغانلىقىنى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى رايونغا بىۋاستە بېرىپ مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويمايۋاتقان بىر ئەھۋالدا، ب د ت نىڭ ئۇ يەرگە بېرىشنى ساقلاش ئورنىغا ھازىرقى مەۋجۇت بولغان پاكىتلار ئاساسىدا ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك، دېدى.

يىغىن ئاخىرىدا سۆزلىگۈچىلەر بىر ئېغىزدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر، ئورگانلار ۋە شەخسلەرنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىردى. بولۇپمۇ مۇتەخەسسىسلەر ئورتاق ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، خەۋپسزلىك كېڭىشى قاتارلىق ئورگانلىرىنىڭ ئۆز رولىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسدىكى سۈكۈتىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشە قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلىشىپ، ب د ت نىڭ پاسسىپلىقىغا خاتىمە بېرىلىشى، بۇنىڭغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ ئۆزگەرتىلىشى كېرەكلىكىنى جىددىي تەلەپ قىلىشتى.