26-ئىيۇندا ئەنگلىيە پايتەختى لوندوننىڭ ۋېستمىنستېر پارلامېنت سارىيىدا ئەنگلىيە ۋە ئۇيېلس ئادۋوكاتلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە پۈتكۈل پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «خىتاي، شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشى» تېمىسىدا يىغىن بولۇپ ئۆتتى. ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر ئورگانلار ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە باشقىمۇ ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئادۋوكاتلار، ھوقۇق قوغدىغۇچىلار ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى تەمىنلەش، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى نازارەت قىلىش ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرىدىكەن.
يىغىن رىياسەتچىسى پارلامېنت تەركىبىدىكى كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ نازارەتچىسى ئافزال خان مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى چۈشەندۈردى.
يىغىن ئاخباراتنامىسىدە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئاتالمىش «سىياسىي بىلىم لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە مىليونلىغان ئادەمنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى، ئىنسان ھەقلىرىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن خىتاينى جاۋابقا تارتىش يوللىرىغا ئائىت مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش قاراپ چىقىلغان. ئاخباراتنامىدە يەنە مەزكۇر لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ سىياسىي-ئىدىيەلىك تازىلاشقا، ئۆز دىنىدىن باش تارتىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ بەزىدە قىيناشلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق بويىچە باش كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن قاتتىق تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.
يىغىندا سۆزگە چىققان ئەنگلىيە ئادۋوكاتى، سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ب د ت كومىسسىيەسىنىڭ سابىق خادىمى سېرېنا گېيتىس، ئەنگلىيە ۋە ئۇيېلس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئادۋوكاتى شونا جوللى، تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچىسى، تەرجىمان رەھىمە مەخمۇت ۋە باشقىلار بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ نازارەتچىسى ئافزال خان ئەپەندى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا بۈگۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قويۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ لاگېرلار توغرىلىق ئوخشىمىغان مەلۇماتلار بار. بەزىلىرى جازا لاگېرى دەيدۇ، بەزىلىرى ئۆگىنىش لاگېرى دەيدۇ. بىز بۇ يەردە يەنە زادى نېمە ئىش بولۇۋاتىدۇ، بۇنى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ دېگەن سوئاللار بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىسىنى، ئۆزلىرىنىڭ بىلگەنلىرىنى ئاڭلىتىش، يەنە شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇنىڭغا قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەھۋالىغا قانداق ياردەم قىلىمىز دېگەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يىغىلدۇق».
«ئەنگلىيەدە، مەسىلەن، پارلامېنتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت يەنە قانداق پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى؛
«بۈگۈنكى مۇشۇ پائالىيەتتە ئاڭلىغانلىرىمىز بۇ كىشىلىك ھوقۇق چېگراسىدىن، ھەددىدىن ئاشقان نەرسە. ھازىر، يەنى 21-ئەسىردە بىر مىللەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى بۇ قەدەر دەپسەندە قىلىشقا مۇنداق قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. بۈگۈن ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكەن يىغىندىمۇ ئېيتىلىپ ئۆتتى. پارلامېنتتا بىر گۇرۇپپا قۇرۇلماقچى. بۇ گۇرۇپپا مەخسۇس مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ، مۇشۇ ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ دەلىللەرنى توپلاپ، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە ۋە خەلقئارادا بۇنىڭغا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ياردەم قىلىش قارارى قوبۇل قىلىندى».
يىغىن داۋامىدا لوندون شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ۋە غۇنچەم خانىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەھىمە مەخمۇت خانىم مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنىڭ بىر پائالىيەتچى، تەرجىمان بولغانلىقىمدىن ۋەتەننىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە شاھىت بولدۇم. شۇلارنى ئاڭلاتتىم. بۇ يەردە پاكىتنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك».
رەھىمە مەخمۇت بالىلىرىنى ۋەتەندە قويۇپ قويغان ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ھېسسىياتلىرىنى، ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئېغىر كۈنلەردە ياشاۋاتقانلىقىنى پاكىت ۋە دەلىللەر بىلەن يەتكۈزۈشكە تىرىشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۈگۈن ئەڭ خۇشال بولغىنىم پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغان بىر مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇپ، شۇ گۇرۇپپا ئارقىلىق ئىسپاتلارنى دۆلەتكە يەتكۈزۈش بويىچە مەخسۇس قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى. ئەنگلىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىدىن دېرەك بېرىدۇ. مېنىڭچە، ياخشى بىر پائالىيەت بولدى».
بىز ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ بۇ پائالىيەت ھەققىدە پىكىرىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى ئۆزى ئۈچۈن چوڭ يېڭىلىق دەپ ھېسابلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: "ئەمما بىز ھەر كۈنى ئاڭلاۋاتقان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ بىر خانىم خىتاينى قانداق جازالاش ھەققىدە سۆزلىدى. مەن بۇ يىغىندا سوئال سورىدىم، بىر يىلدا قانچىلىك ئىنسانلار ئۆلۈپ كەتتى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا؟ سىلەر ئەمەلىي ھەرىكەت، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينى جازالىشىڭلار كېرەك. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىڭلار كېرەك دېدىم. دېمەك، مۇنداق يىغىنلارنىڭ بولغىنى ياخشى. كۆپلىگەن قانۇنىي ئورگانلارنىڭ ئادەملىرى قاتنىشىپتۇ. ئەمما بۇ يەنە يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن».
0:00 / 0:00