ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» ناملىق ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى ئەنگلىيە تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بولغان سودا، تېخنىكا جەھەتتىكى ئالاقىسىنى كېسىشىنى تەلەپ قىلغان. ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسىنىڭ Tri، Tok-Tok، BT، EE، Wirgin Médiya، O2، ۋودافون قاتارلىق 7 تېلېفون شىركىتىگە يازغان مەكتۇبىدا تەكىتلىشىچە، خۇاۋېي ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ۋە قۇللۇق ئەمگىكىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشى ئۇلارنىڭ قۇللۇق ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلىش توغرىسىدىكى نىزاملىرىغا خىلاپ ئىكەن.
ئادۋوكاتلار مەكتۇپىدا ئەنگلىيە شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە بىر «قانۇنى ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا»ئىكەنلىكى، ئۇلار ۋاكالەتلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خۇاۋېينى «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىنى تەقىب قىلىش، باستۇرۇش، جازالاشقا چوڭقۇر ئىشتىراك قىلغانلىقىغا دائىر دەلىللەر بار، دەپ شىكايەت قىلىۋاتقانلىقى»، «خۇاۋېينىڭ تەمىنات زەنجىرىدە قۇللار ئەمگىكىنىڭ ماۋجۇتلۇقىغا دائىر دەلىللەرنىڭ بارلىقى» تەكىتلىگەن.
ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى 8-ئىيۇل ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «خۇاۋېينىڭ قۇللۇق ئەمگىكى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە چېتىلغانلىقى، ئەنگلىيەدىكى ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، خۇاۋېي بىلەن ئالاقىسىنى كېسىشكە چاقىرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچى ئادۋوكاتى مايكېل پولاكنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ شىركەتلەر خۇاۋېينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمماسلىقى كېرەك ئىكەن.
مايكېل پولاك مۇنداق دەيدۇ: «بىز تۈنۈگۈن بۇ شىركەتلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا، بىز يوللىغان مەۋجۇت دەلىللەرنى نەزەرگە ئېلىپ، بىزگە جاۋاب بېرىشكە چاقىردۇق. دەلىللەر شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، خۇاۋېي ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىدە ئۇيغۇرلارنى قۇللۇق ئەمگىكىگە تۇتماقتا.»
مايكېل پولاكنىڭ تەكىتلىشىچە، خۇاۋەينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئىشتىراك قىلىۋاتقانقىدا ھېچقانداق شۈبھە يوق ئىكەن. ئۇ مەكبۇبىدا ئەنگلىيە شىركەتلىرىنى بۇ توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. مايكېل پولاك مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇنىڭغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتۇق. بۇ توغرىسىدا خۇاۋېينىڭ ئۆزلىرىنىڭ باياناتى بار. بەزى دەلىللەردە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشتا بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىدىن قانچىلىك پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ياتىدىغانلىقىدا ھېچقانداق گۇمان يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ دەلىللىرىنى ئاساس قىلساقمۇ بىزنىڭ دەۋاتقانلىرىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا بىز (ئەنگلىيە) تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىنى خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختىتىشقا، ئۆزلىرىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز.»
بىز 8-ئىيۇل ئەنگلىيە تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلاردىن پەقەت Tri UK شېركىتىلا جاۋاب بەردى. قالغان شىركەتلەر سواللىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سواللىرىمىزغا ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى. Tri UK شىركىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خۇاۋېي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرەلمەيدىكەن.
بۇ شىركەتنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئادۋوكاتلارنىڭ مەكتۇبىنىڭ ئۇلارنىڭ خۇاۋەي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سواللىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «نۆۋەتتە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خۇاۋېينىڭ ئەنگلىيەدىكى سودا رۇخسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ھازىر Tri UK خۇاۋېي تورىنى ئىشلىتىدۇ. لېكىن بۇ ھازىر ئەنگلىيە ھۆكۈمىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىدە خەۋپكە دۇچ كەلدى. بىراق سىز سورىغان مەسىلىدە خۇاۋېينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دەرھال توختىتىلىش نۇقتىسىغا بارىدۇ، دەپ ئېيتالمايمەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدە قاتتىق مۇنازىرە بولۇۋاتقان بىر مەسىلىگە قارىتا بىزدە ھېرقانداق بىر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلالمايمەن.»
لېكىن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتىدا تەكىتلىشىچە، Tri UK شىركىتى ئۇلارغا «ئەگەر بىز تەمىنات زەنجىرىمىزدىكى ھەرقانداق بىرىنىڭ 2015-يىلىدىكى زامانىۋى قۇللۇق ئەمگېكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىساق، تەمىنلىگۈچىنىڭ بۇنى دەرھال تۈزۈتىشىنى تەلەپ قىلىمىز ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ كېلەچىكىنى ئويلىشىمىز،» دېگەن.
«ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» بۇ شىركەتلەرگە ئەۋەتكەن مەكتۇپىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە ۋاكالەتلىك قىلىدىغانلىقى، بۇ مەكتۇپنى شۇلارغا ۋاكالىتەن يېزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ۋاكالەتلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى رەھىمە مەھمۇت 8-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن شىركەتلەرگە خەت يازغانلىقىنى چۈشەندى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خۇاۋېي خىتاينىڭ زور كىرىم مەنبەئەسى ئىكەن.
رەھىمە مەھمۇت يەنە ئەنگلىيە ھېكۈمىتىڭىڭ خۇاۋېي مەسىلىسىدە نوقۇل بىخەتەرلىكنى چىقىش قىلماسلىقى، بەلكى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ چىقىش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئادۋوكات مايكېل پولاكنىڭ تەكىتلىشىچە، خۇاۋېي مەسىلىسىدە بىخەتەرلىك مۇھىم ئامىل بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قۇللۇق ئەمگېكىنى ھېسابقا قېتىشى زۆرۈر ئىكەن. مايكېل پولاك مۇنداق دەيدۇ: «بىر نەرسە بىزنىڭ ئەندىشىمىزنى قوزغاپ كەلدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قارارىدا كىشىلىك ھوقۇق ئامىلىنى نەزەرگە ئېلىشقا ۋەدە قىلىپ باقمىدى. ئەلۋەتتە، تور بىخەتەرلىكى مۇھىم. ئەنگلىيەدىكى ھەممىمىز تورنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى، ئەنگلىيەگە قىلتاق قويۇلۇشىنى ھېچكىم خالىمايدۇ. لېكىن بىخەتەرلىك مۇھىم بولغاندەك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قۇللۇق ئەمگېكىمۇ قارار چىقىرىشتا ھېسابقا ئېلىنىشى كېرەك.»
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خۇاۋېينىڭ ئەنگلىيە 5G تور ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى چەكلەش-چەكلىمەسلىك مەسىلىسىدىكى ئاخىرقى قارارى چىقارمىدى. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائابنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت خۇاۋېي مەسىلىسىنى قايتا ئويلاشماقتا ئىكەن. يېقىندا ئەنگلىيەدىكى مەتبۇئاتلار ھۆكۈمەتنىڭ خۇاۋېينى تامامەن چەكلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
0:00 / 0:00