ئەنگلىيەدىكى شېفېلد ھاللام (Sheffield Hallam) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خېلېنا كېنىدىي مەركىزى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھۆججەت خاراكتېرلىك يەنە بىر مۇھىم دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ ئوينىغان رولىغا دائىر يېڭى دەلىللەرنى ئاشكارىلىغان. «ھېچنەرسە قالمىغۇچە» ناملىق مەزكۇر دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى مەزكۇر يېرىم قوراللىق يېرىم ئىشلەپچىقىرىش ئورگىنى بىر «كۆچمەنلەر مۇستەملىكىچىلىك ئاپپاراتى» بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتە «يادرولۇق رول» ئوينىغان.
دوكلاتتا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۈەننى «ھۆكۈمەت، ھەربىي ۋە كارخانىلار بىرگەۋدىلەشكەن ئالاھىدە سىستېما» دەپ قارايدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «بىڭتۇەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن يەر ئىگىلەش، شۇنداقلا ھەربىي، سانائەت كۈچى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن يوللانغان بىر مۇستەملىكىچىلىك ئاپپاراتى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ غەربتىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ تۇنجى قېتىم دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 1954-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەزكۇر يېرىم ئىشلەپچىقىرىش-يېرىم قوراللىق تەشكىلاتىنى رەسمىي «مۇستەملىكىچى ئاپپارات» دەپ سۈرەتلىشىدۇر.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلاردىن بىرى بولغان «شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى» خېلېنا كېنىدىي مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور لاۋرا مۇرفېي بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا دوكلاتنى تونۇشتۇرۇپ، دوكلاتتا بىڭتۇەننىڭ رايوندىكى دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
لاۋرا مۇرفىي مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەممىمىز بىلىمىز، ‹شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى› نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي خەلق
جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق كۆچمەن مۇستەملىكىچى قوراللىق كارخانىلار گۇرۇھى بولۇپ، ھۆكۈمەت شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ۋەزىپىسى رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، دەپ قارايدۇ. بۇ تۈپ نېگىزىدىن رايوننى تۆمۈر مۇشت بىلەن باشقۇرۇش دېگەنلىك. بىزنىڭ بايقىغانلىرىمىز ئۇنىڭ رايوندىكى دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇلار بۇرۇندىنلا گۇمان قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ دوكلاتىمىز بىڭتۇەننىڭ تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىلەرگە قاماش، ئۇلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۈرمە سىستېمىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنىي باستۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىش، ئۇيغۇر خەلقىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش قاتارلىقلارغا ئائىت دېتاللارنى چوڭقۇر ۋە تەپسىلىي شەرھلەپ بەردى. بىز ھەقىقەتەن بۇ دەپسەندىچىلىكنىڭ كۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ بېرىشكە تىرىشتۇق».
پروفېسسور لاۋرا مۇرفىي يەنە بىڭتۇەننىڭ بىر «كۆچمەنلەر مۇستەملىكىچىلىك ئاپپاراتى» دەپ قارىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان يىللاردىن تارتىپلا بۇ رايوننى ئىگىلەش مەقسىتىدە تەشكىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
لاۋرا مۇرفىي مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر رايونى ئىزچىل بىز ھازىر خىتاي دەۋاتقان دۆلەتنىڭ پارچىسى بولۇپ كەلگەن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پەرقلىق مەدەنىيىتى بار، ئۇ يەردە پەرقلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. شۇنداقتىمۇ، بەزىلەر بۇ رايوننىڭ پەرقلىق جاي ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە قىزىقمايدۇ. لېكىن ئەڭ مۇھىمى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ رايوننىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر ھۆكۈمىتى بار ئىدى. ئۇلار شۇ ۋاقىتتا ‹شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى› دېگەن بۇ ئاپپاراتنى تەشكىل قىلىپ، بۇ رايوننى خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇلار كېيىنكى 70 نەچچە يىلدىن بېرى بۇ كونتروللۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن».
خېلېنا كېنىدى مەركىزىنىڭ 94 بەتلىك بۇ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، بىڭتۇەن يېقىنقى 5 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىلەرگە قاماش، يەر زېمىن ئىگىلەش، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، باستۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىش، ئىجتىمائىي قايتا لايىھىلەش، دىنىي باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، مەدەنىيىتى ۋە باستۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر خەلقى بۆشۈكىدىن تارتىپ ھازىرىغىچە بىڭتۇەن تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن يوليورۇقلارنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. بىڭتۇەننىڭ غەرەزلىك ئىجتىمائىي قايتا لايىھەلەش پروگراممىسى ئاز سانلىقلاشتۇرۇلغان ھەر بىر پۇقرانىڭ، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تىلىنى خىتايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە شى جىنپىڭ ئىدىيەسىگە ماسلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ دوكلات ئۇيغۇر خەلقىنى ياۋاش، دۆلەتكە بېقىنىدىغان قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مەزكۇر باستۇرۇش پروگراممىلىرىنى ھۆججەتلەشتۈردى. شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ يېقىنقى 5 يىل مابەينىدە بۇ پروگراممىلارنى قانداق قىلىپ تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى شەرھلەپ بەردى».
خېلېنا كېنىدى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىرولا ئەلىما «ھېچنەرسە قالمىغۇچە» ناملىق بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىڭتۇەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى بىلەن بىر ۋاقىتتا كەڭ كۆلەملىك يۈرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدىمۇ ھالقىلىق رول ئوينىغان. ئۇ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى تۇرمۇش ئادەتلىرىگە قەدەر مۇداخىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىرولا ئەلىما: «بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلدى. ھەتتا ھۇجۇم قىلمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىمۇ قالمىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆي ئىچىنى قانداق ياسىشىغىمۇ ئارىلاشتى. ئاندىن ئۇلارنى ئۆز ماكانلىرىدىن باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ كاتەكتەك ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ كادىرلىرى ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى نازارەت قىلالايتتى» دېدى.
نىرولا ئەلىمانىڭ ئېيتىشىچە، بىڭتۇەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى خىتاي كارخانىلىرىغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» گە ئايلاندۇرغان.
نىرولا ئەلىما مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، شۇ ئىشلار بولدى. بۇنىڭدىن شىركەتلەر پايدا ئالدى. بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەر-زېمىنلىرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇ يەرلەردە ئۆزىنىڭ زىرائەتلىرىنى تېرىدى ياكى بۇ يەرلەردە زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ‹ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى› گە ئايلاندۇردى. كېيىنكى قەدەمدە بۇ كارخانىلار ئۇيغۇرلارنى ئەۋلادلىرىدىن ئايرىۋەتتى».
بىڭتۇەن شتاتى بۇرۇن مەركەزنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى كارخانىسى، دېيىلسىمۇ، بىراق خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2012-يىلى قانۇن چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك مەمۇرى بىرلىك، شتاتىنى بەرگەنىدى. پروفېسسور لاۋرا مۇرفىينىڭ ئېيتىشىچە، بىڭتۇەن دۇنيا تارىخىدا ھېچقانداق بىر ئۆرنىكى يوق بىر ئاپپارات ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى دۇنيا تارىخىدىكى ھېچقانداق بىر گەۋدىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ بىنورمال بىر گەۋدە بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بار. بۇ، شۇ رايوندىكى خەلقلەرگە قارىتا تىپىك سىياسىي باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى، شۇنداقلا رايوننىڭ پۈتۈن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ نۇرغۇن چوڭ سودىلارنى كونترول قىلىدۇ. بارلىق تەبىئىي بايلىقلار ئۇنىڭ كونتروللۇقىدا. ئۇ يەنە كانچىلىقنى ۋە بۇ بايلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى، سۇغۇرۇش ئىشلىرىنى كونترول قىلىدۇ. قەيەرگە ئولتۇراقلىشىشنى، ئولتۇراقلاشقان جايدىكى خەلقلەرنى كۆچۈرۈشنىمۇ شۇلار قىلىدۇ. پۈتۈن بۇ جەريان پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تىجارىتى كۆپ ھاللاردا شۇ رايوننىڭ ئۆزىدە ئەمەس. شۇڭا، بىڭتۇەننىڭ بىر قىيىنچىلىقى بايلىقنى توشۇش. بىڭتۇەن بىر كۆچمەنلەر ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىدە نۇرغۇن كۆچمەنلەر ھۆكۈمەتلىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇر رايونىدىن بايلىقنى سىرتقا ئېلىپ چىقىشنى نۇقتا قىلىدۇ. ئۇنىڭ رايوندىكى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئاشقان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىن پايدا ئالىدىغانلارنىڭ كۆپى رايوندىكىلەر ئەمەس، بەلكى رايوننىڭ سىرتىدىكىلەر».
خېلېنا كېنىدى مەركىزىنىڭ بۇ دوكلاتى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىنغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە بىڭتۇەن دائىرىلىرىگە سۆز قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇشتىكى رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ «بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنى باشقا ھېچقانداق نەرسە باسالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
خېلېنا كېنىدىي مەركىزىنىڭ دوكلاتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى مەلۇم.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن، 29-ئىيۇل تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات يىغىنىدا، بۇ دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلارغا ۋە خېلېنا كېنىدىي مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ مەركەزنى «خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاۋانگارتى رولىنى ئويناۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا بۇ دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلارنى ئامېرىكانىڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى، بۇ مەركەزنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ خىتايغا قارشى ئاشقىن سىياسىي گۇرۇھنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنى رەت قىلىپ، خېلېنا كېنىدىي مەركىزى ۋە ئۇنىڭ بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلىرىغا ھۇجۇم قىلسىمۇ، لېكىن بۇ دوكلاتتا «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرنى باستۇرۇش ۋە مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن تەشكىللىگەن ‹شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى›نىڭ ئىچكى خىزمەتلىرىگە ۋە سىياسەتلىرىگە ئائىت تەپسىلىي ئەھۋاللار ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن» ئىكەن.