ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى: «ئەنگلىيە چوقۇم ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىدىغان بىر يول تېپىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.09.11
shabana-mahmood-uyghur.jpg ئەنگلىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرە يىغىنىدا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى شابانا مەھمۇد ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ناھايىتى كۈچلۈك نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 9-سېنتەبىر، لوندون.
Shabana Mahmoodning Twittéridin élin’ghan

9-سېنتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر مۇنازىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى شابانا مەھمۇد ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ناھايىتى كۈچلۈك بىر نۇتۇق سۆزلىگەن.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىغان: «مەن بۈگۈنكى پۇرسەت ئارقىلىق ھۆكۈمىتىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشى ئۈچۈن كۈچلۈك يوسۇندا بېسىم شەكىللەندۈرۈشكە چاقىرىمەن. ئەمدى بۇ جىنايەت جازاسىز قېلىۋەرمەسلىكى كېرەك. چوقۇم بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇنىڭغا ‹يېتەر ئەمدى!› دېيىشى كېرەك.»

شابانا خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى قايتا قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپلائاتاشقا بولىدىغان ھەرىكەتلىرىنى توسالغۇسىز داۋام قىلماقتا، ئەمما بۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك رەھبەرلىك ۋە ھەرىكەتلەر ئۈمىد قىلىنىۋاتقان دەقىقىلەردە پەقەتلا ئەسنەش ئاۋازلىرى كەلمەكتە» دېگەن ھەمدە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۇس پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلغان.

شابانا خانىم ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ تېلېۋىزىيەلەرگە بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، لاگېرلاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قاتتىق قېيىن-قىستاقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نازارەت ۋە بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن سۆزلەپ ئۆتكەن. ئۇ: «بۇ جىنايەتلەرنىڭ تىزىملىكى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە قورقۇنچلۇق،» دېگەن.

شابانا خانىم سۆزىدە يەنە ھازىر كۈچلۈك مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقان «مۇلەن» فىلىمىنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇ دىسنېينىڭ ئۇيغۇرلار زۇلۇم كۆرۈۋاتقان رايوندا فىلىم ئىشلىشى ۋە خىتاي ساقچى ئورگانلىرىغا رەھمەت ئېيتىشتەك ھەرىكىتىنى «ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشنىڭ ئەڭ يارقىن ئۆرنىكى» دېگەن. ئۇ: «‹مۇلەن› فىلىمىدەك ئائىلە، دوستلۇق ۋە ھۆرلۈك تەسۋىرلەنگەن بىر فىلىم ئادەمنى مەسخىرە قىلغاندەك دەل مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئەپ بېرىلىۋاتقان، ئائىلىلەر ۋەيران قىلىنىۋاتقان، زالىملارچە جىنايەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، قىسقىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان جايدا سۈرەتكە ئېلىنغان» دېگەن.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، كېيىنكى بىر قانچە يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ جاسارەتلىنىپ، زۇلۇمنى ئېغىرلاشتۇرغانلىقىنى ۋە نەتىجىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئېغىر قېيىن-قىستاق كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زۇلۇمنى ئاستىلاتقانلىقى ياكى ئۇنى توختاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئالامەت يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە مۇنداق دەپ چاقىرىق قىلغان: «بىز بۇ يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن ئالاقزادە بولۇشىمىزۋە چۆچۈشىمىز كېرەك. شۇنداقلا بىزچوقۇم ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىدىغان بىر يول تېپىپ چىقىش ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كېلىشىمىز كېرەك. مەن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ ئاپەتنى توختىتىش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن زۇلۇمدا رول ئالغان مەيلى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە خۇسۇسىيلار بولسۇن، ئۇلارنى ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى› ئارقىلىق جازالاشنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى، دەپ قارايمەن.»

پارلامېنت ئەزاسى شابانا مەھمۇد سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي كۈچىنى قوللىنىپ ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۈكۈتىنى سېتىۋالغان، قارشى ھەرىكەت قىلغانلارنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكنى قوللىنىپ جازالاۋاتقان بىر رېياللىق ئالدىدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ بويۇن ئەگمەسلىكى كېرەكلىكىنى، خەلقئارادا چوقۇم خىتاينىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىش ۋە شۇنىڭدەك ھەر خىل ئاماللار ئارقىلىق چوقۇم ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمنى يېقىندىن كۆزىتىش ۋە قارشى تەدبىر ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىىسنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ھەرقانداق كارخانىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىش يوللىرىنىڭ پۈتۈنلەي تاقىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئەگەر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھەرىكەتلىرى چەكلەنمىگەن تەقدىردە، بۇ ئەسىرنىڭ تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئەسىرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ سۆزى داۋامىدا بىر قانچە باشقا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ سۆز قېتىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قوللىغان ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا چوقۇم رەھبەرلىك رول ئوينىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. شابانا خانىم سۆزى ئاخىرىدا «بىز بۇ زۇلۇمنى بىلمىگەن بولۇپ تۇرالمايمىز. بىز ئۇنى بىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك. تارىخ بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى ۋە بىزنىڭ تاللاشلىرىمىزنى باھالايدۇ،» دېگەن.

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى شابانا مەھمۇدنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ھەم شۇنداقلا ئەنگلىيەنىڭ تاشقى سىياسەت، مىللەتلەر ۋە تەرەققىياتقا مەسئۇل دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى نىگەل ئادامس پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ سۆزىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمنى توختۇتۇشتا ئەنگلىيەنىڭ چوقۇم خەلقئارالىق بىر ھەرىكەتكە باشلامچىلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەندە ئۇ بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ۋە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دوكلاتلارنى كۆرۈپ ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەن جىددىيلىكىدىن چۆچىگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە سۆزىدە «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مەن ئۈچۈن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۈچۈن ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم مەسىلە» دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ ھەقتە داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن ۋە پارلامېنت ئەزاسى شابانا خانىمنىڭ نۇتقى تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇنىڭ بۇ نۇتقى ھەققىدە «خىندەخ» ناملىق تور گېزىتىدە مەزكۇر تور گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى جامىما سىتېينفېلد تەرىپىدىن بىر پارچە كۆز قاراش ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئۇ ماقالىسىدە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە قىلغان چاقىرىقىنى قوللاش بىلەن بىرگە، ھەربىر ئىنساننى ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقىتىش، ئۆزلىرى سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا دىققەت قىلىش، نامايىش قىلىش، ئۇيغۇرلارغا سۆز پۇرسىتى بېرىش ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ياردەم قىلىش دېگەندەك 7 خىل ھەرىكەت ئارقىلىق بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىرغان.

نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئويغىنىش كۈچلۈك بولۇپ، 11-سېنتەبىر كۈنى يەنە لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر تۈركۈم ئەنگلىيەلىك ياشلار نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. «ئەنگلىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا 100 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە جامائىتى ئارىسىدا كۈچىيىۋاتقان بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.