19-سېنتەبىردىن باشلاپ ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇنغا يېتىپ كەلگەن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى رشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلارنىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى سۆزلىشىش، «ھەدەمنى ئىزدەيمەن» ناملىق فىلىم ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەلىللىرىنى تونۇتۇش، لوندۇندىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرى بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ لوندۇندىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 21-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۇلار ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ 4 نەپەر ئەزاسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئاۋازغا قويۇش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تارتىشتىن ئىبارەت بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پارلامېنت ئەزاسى ئافزالخان ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا توختالغاندا، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە روشەن ئابباسلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، 6-سېنتەبىر ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان ئەنگىلىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستېرى لىز ترۇسنىڭ نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ: «لىز ترۇس ئومۇمىي يىغىندا خىتاي توغرىلىق زۇۋانمۇ سۈرمىدى، بىز ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.
21-سېنتەبىر كۈنى كەچتە لوندوندىكى «باربىكان مەركىزى» ناملىق مەدەنىيەت زالىدا خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا لەيدېي (Laigh Day International) ناملىق تەشكىلاتنىڭ ساھىپخانلىقىدا «ھەدەمنى ئىزدەيمەن» ناملىق فىلىمن كۆرسىتىلگەن. فىلىمنى كۆرۈشكە بىر قىسىم داڭلىق شەخسلەر ۋە مۇخبىرلارمۇ قاتناشقان. فىلىم خاتىمىسىدە مۇھىم سىياسىي ئەربابلاردىن ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ھېلېنا كېننىدى، پروفېسسور لاۋرا مۇرفى، خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى كلويې كرانستان قاتارلىقلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەسىرلىك بىر مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، مەركىزى لوندۇندا بولغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر!» تەشكىلاتى غەرب ئەللىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن بۇ يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى 7 دۆلەت، 11 شەھەردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ زور تەسىر قوزغىغان ئىدى. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە رۇشەن ئابباسلار 19-20-سىنتەبىر كۈنلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە لوندۇندىكى باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى بۇندىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ كۈنتەرتىبىنى مۇزاكىرە قىلىشقان. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى لوندۇندىكى بۇ 3 كۈنلۈك پائالىيەتلەرنى خۇلاسە قىلغاندا، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر!» ھەرىكىتىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قانات يايدۇرۇشنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسىنى تۇرغۇزىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.