ئەنگلىيە پارلامېتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگلىيە سوتىغا خىتاي ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئەرزى سۇنۇشىنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسى سودا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن ماددىسى تەييارلىغان بولۇپ، بۇ قانۇن ماددىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگلىيە ئالىي سوتىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەرز قىلىش ھوقۇقى بېرىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن ماددىسىغا ئاساسەن ئەگەر ئەنگلىيە ئالىي سوتى خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ھۆكۈم قىلسا، بۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن ماددىسى سابىق كابىنېت مىنىستىرى، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىيان دۇنكان سىمىس ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا تەييارلانغان بولۇپ، قانۇن ماددىسى باشقا پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئىيان دۇنكان سىمىس 29-سېنتەبىر رادىيومىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا قانۇن ماددىسى ئالىي سوت «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغان» دەپ قارىغان ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئەنگلىيە بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا «ئەگەر ئالىي سوت خىتاي ياكى باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قارالغان بۇنداق بىر خورلاشتا گۇناھكار دەپ قارىسا، ئۇ ھالدا بۇ دۆلەتنىڭ ئەنگلىيە بىلەن تۈزگەن ھەرقانداق سودا كېلىشىمى ياكى ئالاھىدە سودا توختامى رەت قىلىنىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. ئەنگلىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لەيلا موران مەزكۇر قانۇن ماددىسىنى قوللاۋاتقان سىياسىيونلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى نەق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۆزى ئىكەن.

لەيلا موران لىبېرال دېموكرتاتلار پارتىيەسىنىڭ 26-سېنتەبىر ۋىدىيودا ئۆتكۈزۈلگەن كۈز پەسىللىك يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي دوكلاتلار بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ رايوندىكى ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› غا قامالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. لېكىن بۇلا ئەمەس. بىزگە تۇتقۇنلارنىڭ جىسمانىي خورلاش، رېجىم ئاستىغا ئېلىش، دىنىي ئېتىقادىنى تەنقىدلەشكە مەجبۇرلىنىش، مەجبۇرى تۇغماس قىلىش ۋە بالا چۈشۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.» ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاي ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىدىكى جىسمانىي، روھىي بۇزغۇنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىلمىشلارنى ئۇيغۇرلاردا سادىر قىلماقتا» ئىكەن. ئۇ يەنە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق بەك ئېغىر سۆز بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پىلانلاۋاتقانلىقى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىگەن.

لەيلا موران ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقانلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت توغرا ئىش قىلىشى ۋە تېز ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بۇ ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى› نى ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە مەسئۇلىيىتى بار شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ،» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئەنگلىيەدە سودا قىلىشىغا يول قويۇلسا، بۇ «باستۇرۇش، قايتا تەربىيىلەش، تۇغماس قىلىش ۋە باشقا غەيرىي ئىنسانى خورلۇقلارغا يول قويغانلىق» بولىدىكەن. ئادۋوكاتلار بولسا مەزكۇر قانۇن ماددىسىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ماقۇللىنىشىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقى، چۈنكى پارلامېنتتىكى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جىددىي قاراۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات مايكېل پولاك 29-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارلامېنتتىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن ھالقىغان بىر گۇرۇپپا سودا قانۇنىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بىر ماددا كىرگۈزدى. بۇ قانۇن ئالقىشلىنىشقا تېگىشلىك ئۆزگىرىش. بۇ ئەمدى پارلامېنتنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسىدا مۇنازىرە قىلىنىدۇ. بىز بۇ ماددىنىڭ ھەر ئىككى پالاتادا ماقۇللىنىشىغا ئۈمىدۋار قارايمىز. چۈنكى پارلامېنتتىكى ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيەلەر ئاخىرى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جىددىي قاراشقا باشلىدى.»

مايكېل پولاك يەنە يۇقىرىقى قانۇن ماقۇللانسا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەخسىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ يولى ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ قانۇن بىلەن سىز رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشقا قاتناشقان، يېتەكچىلىك قىلغان شەخسلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرەلەيسىز. شەخسلەر باشقا دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سورىيالايدۇ. بۇ ئەنگلىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەقەللىي خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىشىدا چىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن ئاقىللارچە بىر ھەرىكەت،» دېدى.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، يۇقىرىقى قانۇن ماددىسى ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. ھۆكۈمەت بۇ قانۇن ماددىسى سوتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە كۈچ بېرىپ، ئەنگىلىيە-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە كاشىلا قىلىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن. لېكىن ئەنگلىيەدىكى پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە ماھمۇت ئەنگلىيە پارلامېنتتىكى رەقىب سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تەڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ب د ت قاتارلىق ئورگانلاردا بەك كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنى ئەنگىلىيەدەك دۆلەتلەرنىڭ سوت مەھكىمىلىرىدە جاۋابكارلىققا تارتىش بىر خىل ئۈنۈملۈك چارە ئىكەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىيان دۇنكان خىتاينىڭ قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەنگلىيەلىك سوتچى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ سابىق تەپتىشى جېفرېي نايىسنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى «لوندون كوللېگىيەسى» ناملىق خەلق سوتىنىڭ قارارىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «لوندون كوللېگىيەسى» گە ئەرز سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. «لوندون كوللېگىيەسى» ئەرزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئىيان دۇنكان سىمىس باياناتىدا «لوندون كوللېگىيەسى» نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقىنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنىڭ مۇھىم بولۇشىدىكى سەۋەب بۇ خىتاينىڭ ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان خرىستيانلار، فالۇنگوڭلار، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى خورلىنىۋاتقنالىقىنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىشكە يول ئېچىپ بېرىدۇ،» دېگەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، سودا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشىدا ئۈمىد بار بولۇپ، ئۇ سايىدە ۋارسى، مايكېل فورسېس، دەيۋىد ئالتون، ئاندرېۋ ئادونىس قاتارلىق پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن. ئىيان دۇنكان سىمىس قانۇن لايىھەسىنى ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇدىغانلىقى، 40 تەك پالاتا ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى كۈتىدىغانلىقى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سان ئاۋام پالاتاسىدا ھۆكۈمەتنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەن.