سانت-ئالبانىس بىشوپى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان

ئەنگلىيە سانت-ئالبانىس بىشوپى دوكتور ئالان سىمىس خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ۋە ئۆزىنىڭمۇ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزمەسلىك چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «چېركاۋ ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىشوپ دوكتور ئالان سىمىس ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنىڭ 65 پىرسەنتىنى چاققانلىقى ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئېيتقان.

ئۇيغۇرلارنى «قورشاۋدا قالغان ئىنسانلار» دەپ ئاتىغان دوكتور سىمىس ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى رەت قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، كۆلەملىك ھالدا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قاماش ۋە ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىۋېلىش ھەققىدىكى قايغۇلۇق دوكلاتلار قاتارلىق زۇلۇملارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقان پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىۋاتقانلىقى» نى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئەمدى كىشىلىك ھوقۇققا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتلەر نەزەردىن ساقىت قىلسا بولمايدۇ. مەن بۇ ھەپتە بۈيۈك بېرتانىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە كەڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارارىنى قايتا كۆرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدىم.»

سانت-ئالبانىس بىشوپى ئىلگىرىمۇ ئەنگلىيەدىكى بەزى دىنىي زاتلار ۋە دىنى گۇرۇھلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.