ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ غەرب دۆلەتلىرىنى بۇ سەپكە ئەمىلى ھەرىكىتى ئارقىلىق قوشۇلۇشقا دەۋەت قىلىش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بىر مۇھىم خىزمىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. يېقىندا ئەنە شۇ خىلدىكى تىرىشچانلىقنىڭ دەسلەپكى ئۇپۇقلىرى ئەنگلىيەدە بارلىققا كەلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2020-يىلى 23-ئاپرېلدا ئەنگلىيەدىكى «دۇنياۋى قانۇن ھەرىكەتلىرى تورى» قانۇنچىلىق مەركىزى (GLAN) نى ۋاكالەتچى قىلغان ھالدا ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگلىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشىغا يول قويغانلىقىنى ئەيىبلەش ھەققىدە ئەرز سۇنغانىدى. 2021-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بۇ ئەرزگە قوشۇلغان ھەمدە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەزكۇر ئەرزنى ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. كۆپلىگەن ئەگرى-توقايلىقتىن كېيىن دەسلەپكى سوت گۇۋاھلىقىنى 2022-يىلى 25-ئۆكتەبىردە باشلاش قارار قىلىندى.

بۇ قېتىمقى داۋا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ باشلىنىشى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مەزكۇر قانۇنچىلىق مەركىزىنىڭ ئادۋۇكاتلىرىدىن دېربلا مىنوگ (Dearbhla Minogue) خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگلىيە بازىرىغا كىرىشى ماھىيەتتە زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ زەھەر يۆتكەشتىن غايەت زور پايدا ئالغىنىغا ئوخشاشلا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئەرزگە ۋاكالەتچى بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ بۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ساھەلەرگە چېتىشلىق مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«بۇ قېتىملىق ئەرزدىكى جاۋابكار تەرەپ جىنايى ئىشلار ۋە تاموژنا خىزمىتىگە مەسئۇل بولغۇچىلاردۇر، يەنى تاموژنا قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلار ۋە جىنايى ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلغۇچىلار. 2020-يىلى ‹دۇنياۋى قانۇن ھەرىكەتلىرى تورى› ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەنگلىيە ئىمپورت قىلىۋاتقان پاختىلارنىڭ، بولۇپمۇ بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان پاختىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرى بويىچە بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتۇق. ئەمما ئۇلار بۇنىڭغا قۇلاق سېلىشنى رەت قىلدى. ئۇلار ئاشۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ داۋاملىق ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى پىكرىمىزنى رەت قىلىپلا قالماستىن بۇ ساھەدىكى قانۇن ماددىلىرىغا قايسى شەكىلدە خىلاپلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشنىمۇ رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئەنگلىيە ئىمپورت قىلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكىمۇ قادىر بولالماسلىقتەك بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئۇلارنى سوتقا ئەرز قىلدۇق.»
بۇ قېتىملىق ئەرزنى تەييارلاپ چىقىشقا باشتىن-ئاخىر كۈچ چىقىرىپ كەلگەن ئورۇنلارنىڭ بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇپ، بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىملىق ئەرز بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئوخشىمايدىغان نۇقتىلاردىن چىقىش قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى سوتنىڭ ئېچىلىشىغا بىر ھەپتە قالغان بولۇپ، ھازىرچە بۇ سوتتا كىمنىڭ يېڭىپ چىقىشى ھەققىدە ھېچكىممۇ كېسىپ ھۆكۈم قىلالمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئادۋوكات دېربلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىدىيەۋى تەييارلىقى بارلىقىنى مۇنداق ئەسكەرتىپ ئۆتتى: . «بۇ ئىشلار ھەققىدە بىرنەرسە دېمەك راستىنىلا قىيىن. مېنىڭچە بىزنىڭ ئەرزىمىز كۈچلۈك شەكىلدە تەييارلاندى. چۈنكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئاساسىي جەھەتتىن بىزنى ‹بۇ ئىشلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە لازىم بولىدىغان يېتەرلىك ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئەتمىدى› دەۋاتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ تولۇق خەۋىرىمىز بولغىنىدەك ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا بۇ خىل ئەيىبلەش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقىشقا خېلىلا زور ئىشەنچىمىز بار. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇ ھالدا ئاشۇ ئورگانلار بۇ ئىشلارنى قانۇنىي شەكىلدە تەكشۈرۈپ كۆرۈش ھەققىدە رەسمىي قارار ئالىدۇ. ئەنە شۇ تەرىقىدە ئەگەر بىز يېڭىپ چىقساق مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق پاختىلارنى ئىمپورت قىلغان شىركەتلەر جازالىنىشى ياكى ئاشۇ مەھسۇلاتلارنى تاموژنىدا مۇسادىرە قىلىش دېگەندەك ئىشلارغا يول ئېچىلىدۇ. ناۋادا بۇ دەۋادا يېڭىلىپ قالغان ھالەتتىمۇ بۇ كۈرەشنى داۋام قىلدۇرىمىز. بىزنىڭچە بۇ ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. شۇڭا بىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايمىز. يېڭىلىپ قالساقمۇ بۇ مەسىلىگە قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىمىز ۋە باشقا يوللارنى سىناپ باقىمىز. ئومۇمەن بۇ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
رەھىمە مەھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق سوتقا تاپشۇرۇلغان ھۆججەتلەر ناھايىتى ئەتراپلىق تەييارلانغان. يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىكى ماتېرىياللارنىڭ چىنلىقى ۋە مۇكەممەللىكى بۇ قېتىمقى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئادۋوكات دېربلا بۇ جەھەتتە رەھىمەگە ئوخشاش قاراشتا بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنىڭ مەلۇم ئىجابىي نەتىجە يارىتىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى: «بىز سوتقا كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇردۇق. ئۇلار مىڭ بەتتىن ئاشىدىغان بولۇپ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى، بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرى، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدىكى شاھىتلارنىڭ بايانلىرى، خىتاي شىركەتلىرىدىن ئالغان بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك جاۋابلار دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى توپلاندى. توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى بىرلا نەرسىگە، يەنى ئەنگلىيەگە مەھسۇلات ئىمپورت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قايسى دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتى. شۇڭا بۇ دەۋا ناھايىتى مۇھىم. مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ چەتئەل تۇپرىقىدىكى سوت مەھكىمىسىدە مۇشۇ خىلدىكى دەۋاغا تۇنجى قېتىم كىرىشى ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇلار قىلىۋاتقان بىر قاتار ئىشلاردا كەسكىن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ بۇ ئىشلارنى چەكلەشتە ئەمەلىي ۋە كونكرېت بىر ئىش قىلمىدى. شۇڭا بۇ مەسىلە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە مال ئېكسپورت قىلىشىدەك ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىگە چەك قويىدىغان بولغاچقا ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە لاگېرلارنى توختىتىش ئەمەلگە ئاشقۇچە داۋام قىلىدۇ.»
رەھىمە مەھمۇتنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق سوتنىڭ قانداق نەتىجە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مۇشۇنداق بىر دەۋا ئىشىنىڭ ئەنگلىيە ئالىي سوتىدا قاراپ چىقىلىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا تارتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
بۇ جەھەتتە دولقۇن ئەيسامۇ بۇ قېتىملىق سوتنىڭ ئىجابىي ھۆكۈم چىقىرىشى خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر ئىقتىسادىي زەربە بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ دەۋانى قانداق ئەيىبلىشىنىڭ ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە «دۇنياۋى قانۇن ھەرىكەتلىرى تورى» مۇستەقىل ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى بولۇپ، مەخسۇس ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ئۈستىدىن سۇنۇلغان شىكايەتلەرنى بېجىرىش بىلەن داڭ چىقارغان. بۇ قېتىممۇ ئۇلارنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى سوتقا بېرىشى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىماقتا.
