كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، ئىشەنگۈسىز قىيىن-قستاقلار، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدا قۇل ئەمگىكىگە سىلىنىش، شۇنداقلا بىر خەلقنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇش قاتارلىق مەزمۇنلار نەچچە يىللاردىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاي بىلەن بىر قاتاردا ئىزچىل تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.
ئالدىنقى ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندون ئىشخانىسى بىلەن ئەركىن تىبەت جەمئىيىتى «چېن چۈەنگونى چەكلەش» تىمىسىدىكى بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ پائالىيىتىنى باشلىغانلىقنى جاكارلىغان. ئۇلار ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى زۇلۇمنىڭ باش ئىجراچىسى، شۇنداقلا جازا لاگېرلىرىنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان چىن چۈەنگونىڭ ئەنگىلىيەگە كېرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چەكلەش مۇراجىئەتنامىسى ئېلان قىلغاندىن باشقا يەنە «ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرغان چېن چۈنگو ئەنگلىيەدە قارشى ئېلىنمايدۇ. ئەنگىلىيە ‹چېن چۈەنگونى چەكلەش› ھەرىكىتىگە ئۆتۈشى كېرەك. چېن چەكلەنسۇن» دېگەن لوزۇنكىنى لوندوندىكى ئاپتوبۇس بىكەتلىرىنىڭ ئېلان تاختىلىرىغا، كوچا-كويلاردىكى تاملارغا چاپلىغان.
مۇراجىئەتنامىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن چېن چۈەنگونىڭ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. چېن چۈەنگونىڭ ئىسىمنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈش بىلەنلا توختاپ قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ ھەقىقىي جازالىنىشى ئۈچۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئىككى مىللەتنىڭ زۇلۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا ئاتلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چېن چۈەنگو بەش يىل تىبەتتە زۇلۇم يۈرگۈزدى. تىبەتتە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنى ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىۋاتىدۇ. چېن چۈەنگونىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان ئىككى مىللەت ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن بىللە ھەرىكەتكە ئۆتتۇق.»
مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى ھاكىمىيەتلەرنى جازالاش تىزىملىكى» (Global Human Rights Sanctions Regime List) تۇرغۇزغان ئىكەن. بۇ جازالاش تۈزۈمى بويىچە ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان، ئۇلارنى قىين-قىستاققا ئالغان ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سالغان شەخسلەرگە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلىدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەللەدىكى مال-مۈلۈكى توڭلىتىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى چېن چۈەنگونىڭ يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان ئۆلچەملەرنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن چېن چۈەنگونى چەكلەش قارارى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولماسلىققا چاقىرغان.
ئەركىن تىبەت جەمىئىيتىننىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى دېرىكتورى جون جونىس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە يىڭى جازا تۈزۈمى سۇنۇلدى. بۇ جازا تۈزۈمى ئامېرىكادا تۇرغۇزۇلغان ‹ماگنېتسىكى قانۇنى› غا ئوخشايدۇ. بۇ تۈزۈم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا مەسئۇلىيىتى بولغان شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. تىلغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۆلتۈرۈش، قىيناش، مەجبۇرى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەل چېن چۈەنگونىڭ قىلمىشلىرىدۇر. بۇ جازا قانۇنى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 49 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىسى جازالاشقا سۇنۇلغان. ئەمما بۇ تىزىملىكتىن ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىسى چېن چۈەنگو چۈشۈپ قالغان. بۇ يىل يازدا ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بولغان ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزدى. بىزمۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكاغا ئوخشاش جازا يۈرگۈزۈشكە قايىل قىلالىغان بولساق، تولىمۇ ياخشى بولاتتى.»
رەھىمە خانىم چېن چۈەنگونى چەكلەش پائالىيىتىنىڭ كۆپچىلىك كىشىلەر ئويلىغاندەك پەقەتلا سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بىر ئىش ئەمەسلىكىنى، بىر «جاللات» نى دۇنيا خەلقىنىڭ تونۇپ قىلىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
چېن چۈەنگونى چەكلەش پائالىيىتىنىڭ تەشۋىقات سىن كۆرۈنۈشىدە ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلەر مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇنى ھازىر جاۋابكارلىققا تارتمىساق، دۇنياغا نېمە دەيمىز؟ باشتا تىبەت، ھازىر شەرقى تۈركىستان، كېيىنكىسى قەيەر بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئىسىمنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار: ئۇنىڭ ئىسمى چېن چۈەنگو.»
چىن چۇەنگو (陈全国) 1955-يىلى خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىقىغا تەيىنلىنىپ، تىبەتتە يوقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى سىناق قىلغان. 2016-يىلى ئاۋغۇستتا ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى بىلەن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور تۇتقۇنغا تور يايغان ۋە رايوندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىليونلىغان يەرلىك خەلقلەرنى لاگېرلارغا قامىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىرقانچە نەپەر يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلغان ئىدى.