ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىتېتى 15-دېكابىر «شىنجاڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى» ناملىق گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئەنگىلىيە كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، تاشقىي دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزىمىنى قانداق كۈچيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
ئەنگىلىيە پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام تۇگېنخاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى يىغىندا پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇۋالىق بېرىپ، ئوزلىرىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەردىكى قارىشى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن. ئەنگىلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىلىكىگە يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇردىمۇ، دېگەن سوئال يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلارنىڭ بىرى.
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا گۇۋھالىق بېرىپ، ئەنگىلىيەنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر كونكىرېت ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى بىلدۇرگەن. دولقۇن ئەيسا مۇنداق دىگەن: «ئەنگىلىيەنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەخمەت ئېيتىمىز، بىراق ئۇ ھېچقانداق كونكىرېت ھەرىكەت قوللانمىدى. ب د ت مۇ ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى. ئۇيغۇر كىرىزىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەسىلىسى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىڭ ۋەزىپىسى. ئەنگىلىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى.»
ئۇ يەنە ئەنگىلىيەنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا نىشانلىق «ماگنېتىسكى ئىمبارگوسى» يۈرگۈزۈپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «سودا چەكلىمىسىدە، بولۇپمۇ خىتايدىن پاختا ئىمپورت قىلىشتا خىتاي پاختىسىنىڭ 85 پىرسدەنتى شەرقىي تۇركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. دۇنيا پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 22 پىرسەنتى شەرقىي تۇركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلىنىدۇ. ئەنگىلىيە دۆلەت قانۇنى ئەنگىلىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشىنى چەكلەيدۇ. ئەنگىلىيەنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئاكتىپ دېسەكمۇ، لېكىن بىز ئۇنىڭ كونكىرېت ھەركىتىنى كۆرۈپ باقمىدۇق.»
ئەنگىلىيە «ئادۋوكاتلار كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» نىڭ ئەزاسى شونا جولى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن قانۇنچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىدا كۆرسەتكەن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ئىجابىي بولسىمۇ، بىراق مەسىلىنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇ يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. ئۇ سۆزىدە ئەنگلىيەنىڭ قولىدا يېتەرلىك ئىمكانلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
شونا جولى مۇنداق دىگەن: «بىز بۇ مەسىلىنىڭ كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى كوزدە تۇتقاندا، مېنىڭچە ئەنگىليە بۇنىڭغا يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرمىدى. مەن بۇ يەردە خەلقئارا قانۇنلاردىكى چەكلىمىنى ئەمەس، مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەر ھەققىدە توختىلىۋاتىمەن. ئەنگىلىيەنىڭ قولىدا خەلقئارا قانۇنلار بىلەن بىرگە يەنە يېتەرلىك دىپلوماتىك ۋە سىياسى ئىمكانىيەتلەر بار.»
جولى خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ مەسىلىدە ئەنگىلىيە يەنە ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ كارخانىلارنىڭ جاۋابكارلىقى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىشتەك بەزى تەدبىرلەرنى ئالالايدىكەن. ئۇ: «شۇنىڭدەك ئەنگىلىيە دۆلەت ئىچىدىمۇ كارخانىلارنىڭ جاۋابكارلىقى، ئۇيغۇر سىياسى پاناھلىق تىلىگۇچىلەر مەسىلىسى دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەردە بەزى ئىشلارنى قىلالايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەنگىلىيە ئۆزىنىڭ چاقىرىقىغا تۇشلۇق قەدەم باسقان بولىدۇ. مەسىلىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىدىن ئالغاندا، كونكىرېت ھەرىكەتكە ئۆتمەي، يالغۇز تەنقىد قىلىپ قويۇش يېتەرلىك بولمايدۇ،» دېگەن
يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مەسىلە تاشقىي دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى. شونا جولىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگىلىيە ئۇيغۇر سىياسى پاناھلىق تىلىگۇچىلىرىگە ياردەم بېرىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ ئەنگىلىيە ئۈچۈن «ئىجابىي قەدەم» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دىگەن: «ئەنگىلىيە قىلالايدىغان يەنە بىر ئىجابىي قەدەم چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسى پاناھلىق تىلىگۇچىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى قايتۇرماسلىق توغرىسىدا رەسمى سىياسى پاناھلىق سىياسىتى ماقۇللاشتۇر. مەن بۇرۇن بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلانىڭ بۇ چاقىرىقنى قىلغانلىقىدىن خەۋىرىم بار.»
بۇ يىغىن 2 قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل بىلەن ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور فىئونۇلا نى ئالىيەن خانىم گۇۋاھلىق بەرگەن. نۇرى تۈركەل، ئەنگىلىيەنىڭ ئامېرىكانى ئۈلگە ئېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئاپپاراتلىرىغا نىشانلىق ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئامېرىكا يولغا قويغاندەك نىشانلىق ئىمبارگو يۈرگۈزۈلۈشىنى كۆرۈشنى خالايمىز. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قارىتا يالغۇز ‹ماگتېنىسكىي قانۇنى› نى ئىشلىتىپ قالماي، سودا مىنىستىرلىقىمۇ خىتاي مۇئەسسەسەلىرىنى قارا تىزىملىككە ئالدى. خىتاينىڭ 50 تەك مۇئەسسەسىسى قارا تىزىملىكە ئېلىندى. بۇلانىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى ئىدارىلىرىدۇر.»
نۇرى تۈركەلنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى خەلقئارانىڭ بۇ ئېتىراپ قىلىشىدىكى يېتەرسىزلىك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان بىر شەخس سۈپىتىدە ئۆزەمنىڭ كۆزىتىشى ۋە تەجىربىلىرىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بۇ مەسىلىنى ئېتىراپ قىلىش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك. يۇقىرىدا دولقۇن ئەيسا ئېيتىپ ئوتكەندەك، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي بىلەن نورمال مۇناسىۋەت قىلىشى بۇ مەسىلىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. سىز مەسىلىنى بايقاپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلمىغىچە ئۇنىڭ چارىسىنى تاپالمايسىز.»
پروفېسسور فىئونۇلا نى ئالىيەننىڭ قارىشىچە، مەسىلە ئىرقىي قىرغىنچلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك دېگەن ئۇقۇملارغا چېتىلسا، بۇنىڭ ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۇقۇملارغا بىز مۇستەقىل دەلىل توپلاش ئېلىپ بارماي تۇرۇپ قانۇنىي ئاساس تۇرغۇزالمايمىز. شۇڭا مۇستەقىل پاكىت توپلاش ئىنتايىن مۇھىم.» ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇنىڭغا ئالاقىدار مەۋجۇت مېخانىزىمىلىرىنى ئىشلىتىش مۈمكىن ئىكەن.
ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىمىدىن ئايرىپ قاراشنىڭ «دۇچ كەلگەن مەسىلىنىڭ كۆلىمى ۋە خىرىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنى ب ب س خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە تايىنىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئەمگەك كۇچلىرىنىڭ خىتاي پاختىزارلىقلىرىدا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقنالىقىغا دائىر يېڭى دەلىللەرنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. ب ب س نىڭ خەۋىرىدە خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، داڭلىق خەلقئارا ماركىلارنىڭ خىتايدىكى تەمىنلات زەنجىرىگە تېخىمۇ دىققەت قوزغالغان ئىدى.