ئەنگلىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنغان

0:00 / 0:00

يېقىندا دوكتور ئادريان زېنز ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدە يۈرگۈزۈلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا تېرىشتا قولدا تېرىش ئاساس قىلىنىدىغانلىقى، دەل مۇشۇ ئەمگەك ئۈچۈن ئۆتكەن بىر يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 500 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ دوكلات BBC خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بۇ مەسىلىگە ناھايىتى جىددى قارىغان. 16-دىكابىر ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس مۇشۇ دوكلاتتا ئېلان قېلىنغان مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگىلىيەنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىرى بىلەن «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ئالدىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق تەدبىر ۋە سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىدىغانلىقى» ھەققىدە مۇنازىرىلەشكەن.

ئەنگىلىيەنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىرى نىگىل ئادامس سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلار ئىنتايىن ئىشەنچلىك. بۇ ئىسپاتلار كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەت ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «دوكلاتتا دېيىلگەن پاختا سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ ۋە شۇنداقلا ئەنگىلىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگىمۇ چېتىلىدىكەن. بىز تەمىنلەش زەنجىرىدىكى شىركەت ۋە كارخانىلارغا، ئۇلارنىڭ مەشغۇلاتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلماسلىقى ۋە ياكى قوللىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىزچىل ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز.»

پارلامېنت ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن بۇ مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىگە ئەنگلىيەنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە سۇئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پارلامېنت ئەزاسى دانكېن سىمىس دوكتور ئادريان زېنز ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدىكى يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشى ۋە بۇرۇنقى دوكلاتلىرىدا ئاشكارىلانغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرى تۇغماس قىلىش ئارقىلىق نوپۇسنى كونترول قىلىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن پارلامىنىتتىن مۇنداق سۇئال سورىغان: «ھۆكۈمىتىمىز مۇشۇنداق رەزىللىكلەردە مەسئۇلىيىتى بار بولغان كىشىلەرگە قارىتا ‹ماگنىتسكىي قانۇنى› بويىچە جازا ئېلان قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە ئىزچىل جاۋاپ كۈتۈۋاتىمىز. ھۆكۈمىتىمىز يەنە بىزنىڭ خىتايغا تايىنىپ قالغان ساھەلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلالامدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹بىرلىك سەپ› ئىستراتىگىيەسى بويىچە، ئەنگىلىيەنىڭ ئەلچىخانىلىرى ۋە باشقا ئالاھىدە ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىىۋاتىدۇ؟ نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە خەلقئارادا دېيىلىۋاتقان پىكىرلەرنى قوللامدۇ؟ مېنىڭ دەيدىغىنىم، بىز رەزىل ھاكىمىيەت تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتنى تەنقىدلەپلا قويماستىن، بەلكى رەسمى شەكىلدە ئەيىبلىشىمىز كېرەك. تارىختىن شۇنى ئۆگەندۇقكى ‹سىيلىق-سىپايە مۇئامىلە قىلىش› كارغا كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا بىز مەسىلە كونترول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، يەنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.»

ئەنگىلىيەنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىرى نىگىل ئادامس يۇقىرىقى سۇئاللارغا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ‹بىرلىك سەپ› ئەزالىرىنىڭ بىزنىڭ ئورگانلىرىمىزغا سوقۇنۇپ كېرىش مەسىلىسىدە بىز ناھايىتى سەزگۈر تۇررۋاتىمىز. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 91 مىليون ئەزاسى بار. ئۇلار سودا، ئىلىم-پەن ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا سىڭىپ كىرگەن. بىز دۆلەت ئورگانلىرىمىزنى ناھايىتى پۇختا قوغدايمىز. جازا ئېلان قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ مەسىلە بىز قەرەللىك مۇزاكىرە قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پىلانلىرىنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈرۋاتىمىز ۋە بارلىق گۇمانلىق تىزىملىكلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز. ئاخىرقى مەسىلىگە كەلسەك، بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىرادىمىز خەلقئارا بىلەن بىردەك. گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى سودا ھەمكارلىقىمىزنى توختاتقان بولساقمۇ، پارلامېنىتىمىز ئىمزالىغان كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت دۆلىتىمىزنىڭ قىممەت قارىشىدىكى ئۆلچەملىرىمىزنى يوقاتمايمىز، ئەلۋەتتە.»

پارلامېنتتا سورالغان سوئاللار ئاساسەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قانداق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىغا ئائىت بولۇپ، مۇنازىرە باشتىن-ئاخىر ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان.

ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان پارلامىنېت ئەزاسى نۇسرەت غەنى بۇ قېتىممۇ ناھايىتى كۈچلۈك سۇئال سورىغان: «رەئىس راب ئوتتۇرىغا قويغاندەك، ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى جىددىي بىر شەكىلدە، مۇستەقىل ۋە ئەركىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش كېرەك. مىنىستىر ئەپەندىم، بۇنىڭغا نېمە دەيدىكىن؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشى تەلەپ قىلىندىمۇ؟»

ئۇ يەنە مۇنۇ مەزمۇنلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن: «مەن ئىشلەۋاتقان سودا، ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئىستراتېگىيىسى كومىتېتى ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان سودا تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. بىز بۇنىڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك. ئاخىرىدا مىنىستېردىن ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى، يەنى بايدېن باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇشىنى ۋە بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ خورلىنىشى، ئاياللىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردە ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنىشى، ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ خانىۋەيران بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلساق بولامدۇ؟»

مىنىستىرى نىگىل ئادامس مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: «بىز ئۇيغۇر ئەر-ئاياللار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز. بىز رەئىس رابنىڭ پىكىرلىرىنى قوللايمىز. ئېيتقىنىمدەك، بىز خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىلەن بۇ بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىۋاتىمىز. يېڭى يىلدا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان يېڭى تەدبىرلىمىز بەلكى بىر ئاز تەسەللىي بولۇشى بولۇشى مۇمكىن.»

پارلامېنتت ئەزالىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكلىرنى سۇئاللىرى ئارقىلىق بىرمۇ-بىر ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ قاتارىدا پارلارمېنىتتا ئۆزلىرىنىڭ كەسكىن پىكىرلىرى ئارقىلىق تونۇلغان پارلامىنىت ئەزالىرىدىن توم تۇگەندخات، لىسا نەندىي، ناۋەندۇ مىشرا قاتارلىقلارمۇ بار.

پارلامېنت ئەزاسى لىسا نەندىي ئەنگلىيەدىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «ئەنگلىيەنىڭ بۇ مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئېنىق. بىز تەمىنلەش زەنجىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەجبۇرى ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىمىز ۋە بىلىپ-بىلمەيلا قورقۇنچلۇق جىنايەتكە شېرىك بولۇپ قالىمىز. بۈگۈن بۇنىڭغا قارشى ئالغان تەدبىرلىرىمىزنى ئاڭلىغۇم بار، BBC ئەنگىلىيە شىركەتلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن پاختىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، پەقەت تۆت شىركەت بۇ تەلەپنى ئورۇندىدى. ئەگەر بۇ ئېلان قىلىنغا دوكلات بىزنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلمىسە، يەنە قانداق ئىسپات لازىم؟ شۇنچە ئىسپاتلارنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمەت يەنە نېمىنى ساقلاۋاتىدۇ؟»

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر سائەت كەسكىن داۋام قىلغان مۇنازىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنڭ ئۇيغۇر دىيارى، تىبەت، خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت بارلىق ئەپتى-بەشىرىسى ئىچىپ تاشلانغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مەسئۇل ئەمەلدارلارنى «ماگىنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەتتا پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەنگىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كوڭزى ئىنستىتۇتى نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرىدىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.

بۇ مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان دوكتور ئادريان زېنزنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ دۆلەت سىستېمىسى ئارقىلىق مەجبۇرى ئەمگەككە سىلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا سانائىتى خىتايدىكى ئومۇمى پاختا سانائىتىنىڭ 85 پىرسەنتىنى، دۇنيادىكى پاختا سانائىتىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.