ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يېقىنقى مەزگىلدە ياۋروپادىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەنگلىيەدە كۈنتەرتىپتىن چۈشمەي كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي بىلەن سودا قىلىشتىن ۋاز كېچىش تاللىشىدا مۇھىم قەدەملەرنى باستى. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كېلىۋاتقان خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكى بۇ جەھەتتە ئۆز رولىنى ئاكتىپلىق بىلەن جارى قىلدۇرماقتا.
يېقىندا خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكى (IPAK) نىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى 46 نەپەر ئەزاسى بىرلىشىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە بىر يۈرۈش تەكلىپلەرنى سۇنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ تۈرتكىسى ۋە خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان ئومۇمىي تەكلىپتە مۇنداق دېيىلگەن: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆتكۈزگەن خەلقئارا جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈشىنى قوللىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش» ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا سەھنىلەردىمۇ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، مۇستەقىل ھەرىكەت قوللىنىپ، مەسىلەن، ئەنگلىيە ۋە ۋېلىس ئالىي سوتى ياكى ئۇيغۇر سوتى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ماقۇللانغان «ئىنسانلارنى جىسمانىي جەھەتتىن قىيناشنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» قاتارلىق كېلىشىمنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك.
رەھىمە مەھمۇت خانىم، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش تەكلىپىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قوبۇل قىلدۇرۇش تەس بولسىمۇ، ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ئۇيغۇر سوتى ئارقىلىق بېكىتىشكە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
بۇ تەكلىپتە يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق خۇسۇسىي كارخانىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا ئىش-ئوقەت قىلىۋاتقان ۋە ئەنگلىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان كارخانىلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەش توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1986-يىل ماقۇللانغان «شىركەت دىرېكتورلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش قانۇنى» غا ئاساسەن، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئالغان شىركەتلەرنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، زامانىۋى قۇللۇققا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىنى يېڭىلاپ، ئۇنىڭغا «ئاگاھلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتى» پرىنسىپىنى قوشۇشى ھەمدە جامائەتنىڭ ئۇنى نازارەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكىدا تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دەك بىر قانۇن لايىھىسى تۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىدا سودا قىلىۋاتقان كارخانىلارنى «رەت قىلىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك.
رەھىمە مەھمۇت خانىم ئەنگلىيەنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشتا ئامېرىكىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە داۋاملىق بېسىم قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزالىرى يەنە چەت ئەللەردىمۇ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكى ۋە تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى (ۋە باشقا كىشىلەرنى) قوللاش ئۈچۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى سۇنغان: پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنى تەبىئىي ھالدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلق دەپ قاراپ ئۇلارغا سالاھىيەت بېرىش؛ خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قوغداش؛ ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا كىشىلەرگە تەھدىت سالغان ۋە پاراكەندە قىلغان خىتاي جاسۇسلىرىنى تەكشۈرۈش؛ سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش لايىھەسى تۈزگەنگە ئوخشاش، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش لايىھەسى تۈزۈش.
رەھىمە خانىم ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش ئىشىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن يەنە بەزى خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالغان خىتاي جاسۇسلىرىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە سۇنۇلغان تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتكە سۇنۇلغان ئەقەللىي تەلەپلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئاخىردا ئۇ، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارغا سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا ئوخشاش ياردەم فوندى تەسىس قىلىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتكە سۇنغان بۇ تەكلىپتە يۇقىرىقى مەزمۇنلار تەپسىلىي ئىزاھلانغان، قانۇنىي ئاساسلار بېرىلگەن بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام ۋە خەلقئارا قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەر بويىچە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ تامامەن يوللۇق ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ھەمدە كونكرېت ھەرىكەت قىلىشقا دائىر مۇھىم تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.