ئەنقەرەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىككى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئەنقەرەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىككى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 12 غىچە ئەنقەرەدىكى ئامېرىكا مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتلىرى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن بولۇپ 30 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان. يىغىنغا تەكلىپ بويىچە ئەنقەرەگە كېلىپ ئىشتىراك قىلغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئەنقەرەدە دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى 2 كۈن پائالىيەتكە قاتناشتۇق. دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئۇچرىشىشلار بولدى. بىر قانچە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدۇق. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەتبۇئاتلارغا مەلۇمات بەردۇق».

ئىككىنچى كۈنى ئەنقەرەدىكى ئامېرىكا كۇلتۇر(مەدەنىيەت) مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش مەسلىھەتچىسى رىشات ئابباس ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە باش تەپتىش ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ھەم ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان. روشەن ئابباس خانىم مەزكۇر يىغىندا دىپلوماتلار بىلەن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئەنقەرە ئۇيغۇرلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككىنچى كۈنى يەنى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرى بىلەن يىغىن چاقىرىلدى. ئۇ يەردە شاھىتلار جازا لاگېرلىرىغا، تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى».

چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 4 كېچە يەنە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئەنقەرەدىكى ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدە يىغىن چاقىرىلغان. يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن سىرت تۈركىيەدىكى تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلىرى، بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرى ۋە دىپلوماتلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. روشەن ئابباس يىغىندا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىككى پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلغان ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۆز قارىشىنى بايان قىلغان. ئۇ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بۇ يىغىننى ئۆتكۈزۈشىنىڭ 2 سەۋەبى بارلىقىنى بايان قىلدى.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بەرمەكتە.