ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 73-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە ئەنقەرەدىمۇ ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىشىنىڭ 73-يىلىدا ئىنسانىيەتنى كۈتۈۋاتقان خىتاي خەۋپى» تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتاي خەۋپىگە قارىتا تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىلدى.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ 73-يىللىقىنى خاتىرىلەش، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» غا لەنەت ئوقۇش مەقسىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىن ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار، بەزى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تېلېۋىزىيە-گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن، ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. كېيىن يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك مۇخبىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە قىممەتلىك يىغىن ئەھلى. بۈگۈن خىتايدا 1-ئۆكتەبىر، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلغان، شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋاقتىدۇر. بىز بۇ قاراڭغۇ كۈننى خاتىرىلەش، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە لەنەت ئوقۇش شۇنداقلا يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاي خەۋپىگە قارىتا تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىش مەقسىتىدە بۇ يەرگە جەم بولدۇق».

ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى باياناتىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «2017-يىلى ئاشكارىلانغان جازا لاگېرلىرى ۋە مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ تېزلىتىلگەن شەكلىدۇر. ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مىراسلىرىنى بۈگۈنگىچە قوغداپ كەلگەنىدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ پەرۋاسىزلىقىدىن تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. خىتاي ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش بىلەنلا قالماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخىي ئاسار-ئەتىقىلىرىنىمۇ يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. تۈرك مىللىتى خىتاينىڭ دۇنياغا بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىنى چۈشىنىپ يېتىپ، بۇ تەھدىتنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك».

ئارقىدىن «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يوق قىلىنىپ، ئىشغال قىلىنىشىنىڭ 73-يىلىدۇر. 1949-يىلى خىتاي ئىشغالىدىن كېيىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى كۈنسايىن كۈچەيدى. خىتاي 73 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە قازاق تۈركلىرى باشتا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرگە ئادەم قېلىپىدىن چىققان سىياسەت ئېلىپ باردى. 2017-يىلىدىن كېيىن ئوچۇق ئاشكارا ھالدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. خىتاي، دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىغا پىسەنت قىلماي، قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا».
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا مۇنداق دېدى: «بىز 85 مىليون مۇسۇلمان تۈرك خەلقى خىتاينىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز. بۇ ھەقتە بىز، ‹ياخشى› پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا، خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى، خىتاينىڭ دۇنياغا بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا داۋام قىلىمىز».
ئارقىدىن يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىز شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارغا قاراپ تۇرالمايدۇ. پارتىيەمىزنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم پروفېسسور نەجمەتتىن ئەرباقانمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا داۋاملىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. بۇرۇن بىز ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى ناھايىتى چوڭ نامايىشلار ئۆتكۈزدۇق. ھازىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. شۇڭا بۇنى توختىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش كېرەك. پارتىيەمىز ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىن پايدىلىنىپ ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى›نى ئاڭلىتىۋاتىمىز. ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ ھەم قان قېرىندىشىمىز ھەمدە دىنىي قېرىندىشىمىز. ئۇلار ئەركىنلىككە ئېرىشكىچە ھەر دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچىمەن».
يىغىنغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق بىلىملىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ۋە ئۆنۈملۈك بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى ئالىي بۇراق توپالئوغلۇ ئەپەندىلەرمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
بۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق خاتىرىلەش يىغىنىدۇر.