ئەنقەرەدە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۇلۇس مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش ئەھلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە لەنەت ئوقۇدى. تۈرك دۇنياسى، ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

نامايىشقا قەيسەرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرى ۋە تۈرك ئاممىسىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. مەزكۇر نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى ئۈنال ئەپەندى خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك مۇخبىرلار، بۈگۈن ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ خاتىرە كۈنى. بۈگۈن كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم. 5-ئىيۇلنى ئۇنۇتتۇقمۇ؟ ياق. ئۇنۇتىمىزمۇ؟ ياق. تۈرك مىللىتى ئۆزىگە قىلىنغان ياخشىلىقنىمۇ ۋە يامانلىقنىمۇ پەقەت ئۇنتۇمايدۇ. تۈرك مىللىتى ۋاقتى سائىتى كەلگەندە چوقۇم خىتايدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سورايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز راستىنلا ئىگىسىز. بىز سىز ئاخباراتچىلار ئارقىلىق، ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىلىرىنى، دۆلەت رەھبەرلىرىنى، دۇنياغا شەكىل بېرىمەن دەۋاتقان دۆلەت رەھبەرلىرىنى، بولۇپمۇ تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمىز».

نۇرى ئۈنال ئەپەندى تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەرنىڭ ھەققانىي دەۋايىڭلار قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن شېھىتلىرىمىزنى رەھمەت بىلەن خاتىرىلەيمىز. نامايىشقا ئىشتىراك قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭىزلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز».

نامايىشچىلار بىردەك «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان، ھەق ھوقۇق ئادالەت شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دەپ شوئار توۋلاشتى.

بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن خەيرۇللا ئەپەندىگىل ئەپەندى نامايىشنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەنقەرەدە 10 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. بۇرۇن ئەنقەرەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ ئاتا-ئانىسىنى جازالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىشتىراك قىلمايتتى. بۇ يىلقى نامايىشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى دىققىتىمىزنى تارتتى.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا بەزى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.