26-سېنتەبىر كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 74-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىش جەريانىنى ئاڭلاتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ۋە ماددىي ياردىمى بىلەن 74 يىل ئىلگىرى، يەنى 1949-يىلى 10-ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەنلىكىنى تارىخىي مەلۇماتلار ئاساسىدا بايان قىلىپ ئۆتتى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىيەت جەريانى 1949-يىلى 1-2-ئايلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر شەخس بىلەن شىبەيپودا كۆرۈشۈش بىلەن باشلىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى مىكويان خىتايغا مەخپىي بارغان. ئۇ ستالىننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئىنلەي قاتارلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت قۇرۇش پىلانىنى سۆزلەشكەن. ماۋ زېدۇڭ مىكوياندىن، سوۋېت ئىتتىپاقى قوللاۋاتقان ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا سىتالىننىڭ قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى سورىغان. سىتالىننىڭ ئەلچىسى مىكويان، ماۋ زېدۇڭغا شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق بېرىلسە بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت يەرلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ماۋ زېدۇڭ بۇنى ئاڭلاپ خورسەن بولغان. كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىيەت جەريانى مانا مۇشۇنداق باشلانغان. 1947-يىلى ئىچكىي موڭغۇلىيەدە بىر ئاپتونومىيەلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. خىتاي كومپارتىيەسى بۇنى ئۆرنەك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قورۇش پىلانىنى باشلىغان، بۇنى خىتاي 1955-يىلى ئىشقا ئاشۇرغان» .
دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قانداق كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ جەرياننىڭ 2-باسقۇچىدا خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرىدىن ليۇ شاۋچى 1949-يىلى 6-ئايدا موسكۋاغا مەخپىي زىيارەتكە بارغان. بۇ زىيارەتنىڭ مەخپىي بولۇشىنىڭ سەۋەبى، شۇ يىلى 4-ئايدا سىتالىن ئۆزىنىڭ رازۋېدچىكلىرى ئارقىلىق. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بىر مۇسۇلمان دۆلەت قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىدەك بىر ئۇچۇرغا ئېرىشكەن. ستالىن بۇنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان، چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان تەقدىردە، بۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ماۋ زېدۇڭغا ئۇچۇر يوللاپ، ئەڭ مۇھىم كىشىدىن بىرنى موسكۋاغا ئەۋەتىشنى ئېيتقان. ماۋ زېدۇڭ ستالىننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ليۇ شاۋچىنى موسكۋاغا ئەۋەتكەن. سىتالىن ليۇ شاۋچى بىلەن كۈرۈشكەندە، شەرقىي تۈركسىتاننى دەرھال ئىشغال قىلىشنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ليۇ شاۋچىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاران 5 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، بۇنچىلىك ئاز خىتاي نوپۇسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرالمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركسىتانغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئېيتقان. شۇنداق قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قورال-ياراغ، ماشىنا ۋە ئايروپىلانلارنى ئەۋەتىپ بېرىشى بىلەن، كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان. ئۇ دەۋردە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) تەرىپىدىن ‹شىنجاڭ ئۆلكىسى› نىڭ رەئىسلىكىگە قويۇلغان تاتار بورھان شەھىدى، خىتاي كومپارتىيەسىگە تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېلېگرامما ئەۋەتكەن. شۇنداق قىلىپ، خىتاي خەلق ئازادلىق قىزىل ئارمىيەسى ئۇرۇش قىلماستىن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان» .
يىغىندا يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئەركىن ئەمەت، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى توغرىلىق قىسقىچە دوكلات بەرگەن. ئۇ سۆزىدە تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىن ئاخىرىدا مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى توغرىسىدا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى غەرب ئەللىرىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيساغا ئوخشاش كۆپلىگەن پىداكار ئۇيغۇرلارنىڭ ھارماي-تالماي، كېچە-كۈندۈز توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ب د ت دا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى ئىنتايىن كۈچلۈك لوبىيچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى ۋە ئۆز ئائىلىسى دۇچ كەلگەن پاجىئەلەرنى مىسال قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىچ يۈزىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

يىغىندا سۆز قىلغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن رەئىسى ئەلى كەسەر ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ مەسىلە ھەممىمىزنىڭ مەسىلىسىدۇر، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىز ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشىمىز كېرەك. بىز تۈركىيە خەلقىگە ئۇ يەردىكى زۇلۇمىنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ ئاڭلاتساق، خەلق ھەرىكەتلىنىدۇ، ھېچ بىر سىياسىي پارتىيە بۇنىڭدىن قورقمىسۇن، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن قورقمىسۇن. شۇنىڭغا قەسەم قىلىمەنكى، بىزگە خىتايدىن ھېچ قانداق ئىقتىسادىي پايدا كەلمەيدۇ، دەل ئەكسىچە بىزدىن ئۇلارغا ئىقتىسادىي پايدا يېتىۋاتىدۇ، بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز، ھەر ۋاقىت ھەر يەردە ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى توختىماي ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ۋە سىياسىي يېتەكچىلەر بۇنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى تېپىشى كېرەك. ‹تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى› نى بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل دۆلەت بولغان بولسا ئىدى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە يەر ئالغان بولاتتى، بىز بىر-بىرىمىز بىلەن قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، ئۆزئارا بىر بىرىمىزنى قوللىشىمىز كېرەك» .

26-سېنتەبىر كۈنى ئېچىلغان بۇ يىغىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.