ئۇيغۇر ئېلىدە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر كىشىلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى ئاللىقاچان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچراشقا باشلىغانىدى.
شۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدە ئوقۇپ كەتكەن، تۈركىيەدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ياكى تۈركىيەدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ كەتكەن ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلارنىڭمۇ بارلىقى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تېخىمۇ قوزغىماقتا. بۇ سەۋەب بىلەن ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىرلىكتە «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان ۋە تۈرك كىملىكلىرىگە قارىتا زۇلۇم» ناملىق دوكلاتنىڭ يورۇققا چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا چەتئەللىك ژۇرنالىستلار ۋە تۈركىيەدىكى تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي كېسەر ئەپەندى، كېلەچەك پارتىيەسى ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 40 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى قونۇر ئالىپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سۆز ئېلىشىمدىكى مەقسەت مەزكۇر دوكلات ھەققىدە سىلەرگە قىسقىچە مەلۇمات بېرىش. دوكلات ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ تەييارلانغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلات تۈركىيەدىن توپلانغان مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەييارلانغان. مەزكۇر دوكلات لاگېر شاھىتلىرى بىۋاسىتە بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەييارلانغان. دوكلاتتا بۇلاردىن سىرت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدىكى ھۆججەت ۋە ئىسپاتلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا دوكلات ناھايىتى مۇھىم دەپ ئويلايمەن».
دوكلاتتا تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر پاناھلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ كەلگەنلىكى، تۈركىيەدە 50 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش، تىجارەت قىلىش، خىتاينىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن كىشىلەردىن تەركىب تاپقانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلەۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى بۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەھدىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، ھەتتا خىتاينىڭ تۈركىيەگە جاسۇس ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىۋاتقانلىقى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى، ئەڭ ۋەھىمىلىك بولغىنى خىتاينىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بەزى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلات تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى دوكلاتقا يۇقىرى باھا بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «دوكلات ناھايىتى ياخشى تەييارلىنىپتۇ. دوكلاتتا كونكرېت ئىسپات ۋە ھۆججەتلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلىپتۇ. بۇ مەسىلە ناھايىتى چوڭ. يۇقىرىدا ئەركىن ئەكرەم مۇئەللىممۇ دەپ ئۆتكەندەك خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى يۇتۇۋېلىش بىلەنلا قالماي دۇنيانىڭ بېشىغا بالا-قازا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ قەدىمدىن بۈگۈنگىچە باشقا مىللەتلەرنىڭ بېشىغا نېمە بالا-قازالارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ خىتاينىڭ بۇ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارشى نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە جىددىي باش قاتۇرۇشىمىز كېرەك. تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ كۆپ ساندا كىشى لاگېرغا تاشلىنىپتۇ، ھەتتا تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ، بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان بولساقمۇ، بۇ مەسىلىگە تازا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىز پارلامېنتتا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋام قىلىمىز».
ئارقىدىن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىي ئوقۇتقۇچىسى ئانار سومۇنجۇئوغلۇ خانىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىنسانىي ۋە ۋىجدانىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە باشتا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ دوكلاتنى تەييارلاش جەريانى، دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىشتا بەزى قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى، بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ يېڭىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۈگۈنكى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ھازىرغىچە ئىككىسى تەرجىمە قىلىنغان دوكلات بولۇپ جەمئىي 8 دوكلات چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى.
«ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان ۋە تۈرك كىملىكلىرىگە قارىتا زۇلۇم» ناملىق دوكلات ئىنگلىز تىلى بىلەن تۈرك تىلىدا تەييارلانغان. يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئەۋەتكەن خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئۇ، خېتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان.