«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.12.12
enqere-uyghur-qirghinchiliqi-yighin-1 «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىلغان يىغىندا ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2024-يىلى 9-دېكابىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2021-يىلى 18-نويابىر كۈنى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىنسانىيەتنىڭ دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 9-دېكابىر كۈنىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ-كۆلەمدە خاتىرىلەشكە چاقىرىق قىلغانىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن 114 يىللىق تارىخقا ئىگە «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى، «شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىرلىكتە مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى. يىغىنغا مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئەزالىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، زىيالىيلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە بۇنىڭغا قارىتا خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىلغان يىغىندا «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى رەئىسى مەمەت ئۆز ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-دېكابىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىلغان يىغىندا «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى رەئىسى مەمەت ئۆز ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-دېكابىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

9-دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدىكى مىللىي كۇتۇپخانىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى رەئىسى مەمەت ئۆز ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېيىش ئۈچۈن سوتنىڭ قارارىغىمۇ ھاجەت يوق ئىدى. ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. ئاتالمىش‹تەربىيەلەش لاگېرى› ئوتتۇرىغا چىققاندىلا ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باشلانغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى خىتاي ھەر ساھەدىن مىليونلىغان ئادەمنى بۇ لاگېرلارغا قاماپ، مېڭە يۇيۇش، تەن جازاسى بېرىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلىش ۋە تۇغماس قىلىشتەك ئادەم قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى ۋە تېخىچە داۋام قىلماقتا. ئەلۋەتتە بۇنى قانۇنىي جەھەتتىن ئىسپاتلاش ئۈچۈن لوندوندىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ قارارى ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايمەن.»

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىلغان يىغىندا تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ۋە ئىراندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئۈمىت ياردىم ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-دېكابىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىلغان يىغىندا تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ۋە ئىراندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئۈمىت ياردىم ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-دېكابىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

پىروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئىسلامدىن بۇرۇنقى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھامان بىر كۈنى ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىنى خىتايلارغا تاشلاپ بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز.»

ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ۋە ئىراندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئۈمىت ياردىم ئەپەندى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا، ياۋروپا پارلامېنتىدا، ئامېرىكادا ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدە تىلغا ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارا تەشكىلاتلاردا، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. دۆلەتلەرنى ئېلىپ ئېيتساق ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ جەھەتتە رەزىللىك ئىچىدە تۇرماقتا. كانادا، چېخ ۋە لىتۋا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ئەنگلىيە پارلامېنتىدىمۇ داۋاملىق تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا بىرلىكى پارلامېنتىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئورۇن بېرىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات.»

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-دېكابىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-دېكابىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇ، دوكلاتىدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدە «ئىككى يۈزلىمىلىك» قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ تەشكىلات ئۆزىنىڭ بىر قىسىم يىغىنلىرىغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى تەكلىپ قىلىپ سۆز قىلدۇرغان. بۇنى نورمالدا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما بۇنىڭغا ھېچقانداق بىر ئەزا دۆلەت نارازىلىق بىلدۈرگىنى يوق، تۈركىيەمۇ شۇنداق. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەر بىر يىغىنىدا نۇرغۇنلىغان قارارلار ئېلىنىدىغان بولۇپ، كەشمىر ۋە ناگورنو-قاراباخ مەسىلىسى ھەرقاچان تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا بىرەر قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان.

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىلغان يىغىندا ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى نامەتجان مەمەت ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-دېكابىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىلغان يىغىندا ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى نامەتجان مەمەت ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-دېكابىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەققىنى قوغداش، دەپ قارىلىدۇ. ئۈمىت ياردىم ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پەلەستىن مەسىلىسىدە سوتتا ئەرز قىلغۇچىلار قاتارىدا ئورۇن ئالدى. تۈركىيە خىتايدىن قورقىدۇ. بۇ مەسىلىدە خىتايدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتە تۈركىيە زىيان تارتىۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان دوكلات ناھايىتى مۇھىم. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى سادىر قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭدەك ھەممە ئادەمنى ۋە ھەممە دۆلەتلەرنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى. شۇڭا تۈركىيە دۆلىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەك.»

يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى نامەتجان مەمەت ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

2021-يىلى 9-دېكابىر كۈنى خەلقئارا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغان كۈن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىلى 9-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەستە تۇتۇش، ئۇنى ئۇنتۇماسلىق ۋە تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش ئۈچۈن ئەنقەرەدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.