ئەنگلىيەدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» نامىدا توپلانغان ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى رەھىمە مەھمۇت خانىم ۋە خىتايدىكى قالايمىقان ئورگان كۆچۈرۈشنى توختىتىش خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئەنۋەر توختى ئەپەندىنىڭ نامىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تەلەپنامە سۇنغان.
تەلەپنامىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن تۈزىدىغان يۇقىرى تېخنىكالىق 5G تور سىستېمىسىنى ئەنگلىيەدە قوللىنىش قارارىنى دەرھال قايتا قاراپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان.
رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ قېتىمقى تەلەپنامە ھەققىدە توختىتىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەدە 5G تور سىستېمىسىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇشىنى بىر ئامال قىلىپ توسۇشىمىز كېرەك. مۇشۇ قانۇنىي يولنى بىز بىردىن-بىر يول دەپ قارىدۇق.»
تەلەپنامىدە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەۋجۇتلۇقى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ «ئۇيغۇر سېتىلىدۇ: ‹قايتا تەربىيىلەش›، شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت» ناملىق دوكلاتىدا ئېلان قېلىنغان كۈچلۈك ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇللۇق ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش قانۇنىغا خىلاپ، دەپ كۆرسىتىلگەن.
تەلەپنامىدە يەنە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك خەلقنى سىستېمىلىق نازارەت سىستېمىسى بىلەن باشقۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە ۋە خەلقئارا قانۇنلارغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن تۈزىدىغان توختامغا قايتا قاراپ چىقىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ تەلەپنامىنى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى مايكول پولاك، ئىرۋىن مىچېل ئادۋوكاتلار شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئەدلىيە تەكشۈرۈش ئادۋوكاتى ئولىۋېر كارتېر ۋە نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى دوكتور ئارىس گېئورگوپۇلوستىن تەركىب تاپقان.
كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مايكىل پولاك زىيارىتىمىز قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «نۇرغۇنلىغان دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خۇاۋېينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە يۇرتلىرىدىن ئايرىپ، ھەر ساھەدىكى شىركەتلەردە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئالاقىلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ئىچىدە خۇاۋېي شىركىتىمۇ بار. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا خۇاۋېي شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت قىلىشقا ياردەم قىلماقتا. بۇ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ. خىتايدا ئىنسانىيەتكە قارشى ھالدا قىيناش قاتارلىق زۇلۇملارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر كۈچلۈك ئىسپاتلار بار. شۇڭا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماسلىقى كېرەك.»
ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئەنگلىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنگلىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشنى مۇھىم دەپ قارىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «خۇاۋېي شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىق ئۆزى پۇل خەجلەپ، ئۆيىگە ئىشپىيون ئەكىرگەندەكلا بىر ئىش.»
مايكول پولاك بىخەتەرلىك مەسىلى ھەققىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدىمۇ ئوخشىمىغان كۆزقاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەقىقەتەن مۇھىم. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل يانۋار ئېيىدا خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقارغاندا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ بۇ قارارىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى مىنىستېرلىقلىرىمۇ بۇ قارارغا نارازىلىقنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىز ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، توغرا، بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ مۇھىم، لېكىن قۇللۇق ئەمگىكى مەسىلىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم.»
رەھىمە مەھمۇت خانىم ئاخىرىدا خۇاۋېي مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەنگلىيە خەلقىگە ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «تەلىپىمىزدە خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكاسى ئۇيغۇرلارغا ئاپەت بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز خۇاۋېي مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق ئەنگلىيە خەلقىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش مەقسىتىمىز بار.»
مايكىل پولاك ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بولمىسا باشقىچە يول تۇتۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز تەلەپنامىنى تېخى يېقىندا سۇندۇق. مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىستېمىسىغا ئائىت بارلىق ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ھۆكۈمەتنىڭ توغرا قارار چىقىرىشى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر ئۇلار شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىسپاتلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە قارارىدىن يانمىسا، بىز تېخىمۇ يۇقىرى قانۇن ئورۇنلىرىغا باش ئۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئېنىق بىر قارارىنى ساقلاپ باقماقچىمىز.»
ئەنگلىيە قانۇنىغا ئاساسەن بۇ خىل تەلەپلەرگە ھۆكۈمەت تەرەپ بىر ھەپتە ئىچىدە جاۋاب بېرىش كېرەك ئىكەن. «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» گۇرۇپپىسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش قارارىغا قايتا قاراپ چىقىش تەلەپنامىسىنى 28-ئاپرېل كۈنى سۇنغان ئىكەن.
0:00 / 0:00