لاگېرغا ئېلىنىپ كېتىلگەن بىر يىلدىن ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى ئائىلىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا ۋە ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى خەۋپلىك ئەھۋالىدىن خەۋەر بەردى.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجاغا «9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوللىماي ئوغلى ئەزىمەتنى تۈركىيەدە ئوقۇتقان، ئۆزى تۈركىيەدە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەندەك تۇتۇرۇقسىز جىنايەتلەرنى ئارتقان شۇنداقلا ئۇنى ئادۋوكاتسىز ۋە ئەدلىيە تەرتىپىسىز سوتلاشقا تەييارلانغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئەنۋەر تۇرسۇنغوجانىڭ دېلوسى ھازىر ھۆكۈم ئېلان قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتىكەن.
يېقىنقى كۈنلەردە ئەنۋەر تۇرسۇنغوجانىڭ كانادا، نورۋېگىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار كومىتېتى، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە رادىيومىزغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان.
مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز قېرىنداشلىرىمىز ئۇچرىغان بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز، چۈنكى ئۇلار گۇناھسىز. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى قېرىنداشلىرىمىزنى گۇناھكار ۋە جىنايەتچى دەپ قارىسا، نېمە ئۈچۈن تۈركىيەدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان خىتايلار جازاغا تارتىلمايدۇ؟ مانا بۇنىڭدىن ئېنىق كۆرۈشكە بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىز ئۇيغۇرلارنى دىنىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزدىن ئايرىپ، ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى پىلانلىماقتا. ئۇلارغا قوشۇلغانلارنى ھەرخىل ئەرزىمەس باھانىلەر بىلەن تۈرمىلەرگە سولاپ يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل رەزىللىك، ئادالەتسىزلىك، نومۇسسىزلىقلارنى توختىتىپ، گۇناھسىز، مەزلۇم، بىچارە ئۇيغۇر خەلقىنى خورلاشتىن ۋە يوق قىلىشتىن قولىنى تارتىشىنى تەلەپ قىلىمىز!»
قاماقتىكى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجانىڭ نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سىڭلىسى مەرھابا تۇرسۇنغوجا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاكىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاكىسى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا 1969 يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى غۇلجادا تۇغۇلغان ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى تىجارەتچى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجانى «تۈركىيەدە بالا ئوقۇتتى» دەپ 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇتقۇن قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ 1993-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەرنى بولسا «تۈركىيەدە ئوقۇدى» دېگەن باھانە بىلەن 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇتقۇن قىلغان ئىكەن. شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئاتا-بالىنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىكەن.
ئەنۋەر تۇرسۇنغوجانىڭ نورۋېگىيەدىكى يەنە بىر سىڭلىسى پاتىمە تۇرسۇنمۇ ئاكىسى ۋە جىيەنى تۇتۇلغاندىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەر تۇرسۇنغوجانىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان قېرىنداش ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋاكالىتەن رادىيومىزغا ئائىلىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن كانادادىكى مۇھاجىر مۇنەۋۋەر تۇرسۇن ھاجى ئىنىسى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجانىڭ غۇلجىدا تاكسىم سودا سارىيىنى ئېچىپ خېلى روناق تاپقان بىر تىرىشچان يەككە تىجارەتچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئىنىسىنى ئىلگىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم پاراكەندە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئائىلىدىن ئىنىسى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەردىن باشقا يەنە ئەنۋەر تۇرسۇنغوجانىڭ ئايالى مۇقەددەس بىلالمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن. يېقىندا مۇقەددەس قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما پسىخىكىسى نورمال ئەمەس ئىكەن.
مۇنەۋۋەر ھاجىمنىڭ يۇرتىدىكى تۇغقانلىرىدىن ئالغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، يېقىندا ئاساسىي قاتلامدىكى خىتاي خادىملىرى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئوغلى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا ۋە نەۋرىسى ئەزىمەتنىڭ كېسىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ كېتىشى ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپسىز ھۆكۈم ئېلان قىلماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى دەرھال دۇنياۋى تاراتقۇلار، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بۇ ئەھۋالنى ئاڭلىتىپ، ياردەم تەلەپ قىلغان.
مۇنەۋۋەر خانىم مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى 90 پىرسەنت ئۇيغۇرنى لاگېردىن قويۇپ بەردۇق دەپتۇ، بىز بۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز. تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرگەن بولسا بىزنىڭ تۇتۇلغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز قېنى؟ بەزىلەرنى قويۇپ بەردى دېگەندىمۇ پسىخىكىسى ۋە سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاۋاتىمىز. خىتاي لاگېردىكى ھەممە ئادەمنى قويۇپ بەرگەن بىلەنمۇ مەسىلە ھەل بولمايدۇ.»