خىتاينىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان قۇرۇلۇش سىستېمىسى» غا يوشۇرۇنغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كان بايلىقى مەنبەلىرى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كانچىلىق تەرەققىياتىنى «ئۈنۈم، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي نەپ» كە ئېرىشتۈرىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ھەمدە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكىدىن ماختانماقتا.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 18-ئىيۇلدىن 20-ئىيۇلغىچە «يىپەك يولى كان ھەمكارلىق مۇنبىرى» ۋە «خىتاي شىنجاڭ خەلقئارا كانچىلىق ۋە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى» ھەمدە «خىتاي شىنجاڭ خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى كۆرگەزمىسى» ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قېزىش-قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرانسپورت ۋە ئادەمسىز ئۇچقۇلار بىلەن مەشغۇلات قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق ئىلغار پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى قوللىنىلغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى «چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى تېڭ بياۋ خىتاينىڭ نۆۋەتتە كەڭ-كۆلەملىك ئومۇملاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈۋاتقان ئاتالمىش «ئۈنۈم ۋە بىخەتەر» لىككە ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان قۇرۇلۇش قېلىپى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى ئېيتتى.

«ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆمۈر كانلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى باشقا خەتەرلىك باشقا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. چۈنكى بۇلار، چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقۇرۇش-نازارەتچىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ناچارلىقى ۋە ئەڭ ئاساسىي ئەمگەك ھوقۇقىنىمۇ قوغدىماسلىقى قاتارلىق بىر پۈتۈن سىستېمىلىق باشقۇرۇش مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ بىر يۈرۈش تۈزۈلمە سىستېمىسىنىڭ قانداق يۈرگۈزۈلۈشى خىتايدا تۈگىمەس ئىختىلاپلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىغا ياكى بىر قىسىم يېڭى تېخنىكىلارغا تايىنىش ئارقىلىقلا ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان پۈتكۈل مەسىلىلەرنى ياخشىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم ھازىر كان قۇرۇلۇشلىرىدا مەلۇم جەھەتتىن تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە ياردىمى بولمايدۇ دەپ قارايمەن.»

كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا قوللىنىۋاتقان كانچىلىق قۇرۇلۇشى ئۇلارنىڭ تەشۋىق قىلغىنىدەك «ئىقتىسادىي نەپ» يەتكۈزەلىشى قىيىن ئىكەن. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقان پەيتتە، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئاۋارىچىلىكلەرگە دۇچ كېلىشى ئېنىق ئىكەن. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا، خىتاينىڭ ئىلگىرىكى يۇقىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان قۇرۇلۇش سىستېمىسى» نى ئومۇملاشتۇرۇشى ماھىيەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«مەلۇمكى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شىنجاڭ سىرتىدىكى باشقا جايلارغا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي كومپارتىيەسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتاي ئاھالىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئولتۇراقلىشىشقا ۋە ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ يەردە سودا قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ماھىيەتتە بۇمۇ بىر خىل مۇستەملىكە قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلارنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، ئەمەلىيەتتە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى سىياسىتىدە باسقان بىر قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.»

ۋاھالەنكى، خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» تورىنىڭ بېيجىڭ ۋە ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كانلاردا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ رايوندىكى كان بايلىقلىرىنى قېزىشتا ئۈنۈم ۋە بىخەتەرلىكنى ئاشۇرۇپ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سېلىنغان. خەۋەردە يەنە، كۆمۈر زاپىسى مىقدارى 502 مىليون توننا بولغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر بازىسى «خىتاي شۇكۇاڭ گۇرۇھى تەڭرىتاغ كان شىركىتى» نىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان قېلىپىنى ئۈنۈملۈك ۋە ئاكتىپلىق بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

گېئولوگىيە ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن، ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئالغان، ھازىر ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان دوكتور گۈلمىرە بەرداش خانىم بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كان-مەدەن بايلىقلىرىنىڭ پىلانسىز تۈردە كەڭ-كۆلەملىك ئېچىلىپ تالان-تاراج قىلىنىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىزاھلىدى. ئۇ يەنە، بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇشتىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلى ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى «ئېنېرگىيە بازىسى» قىلىپ بېكىتىلگەنىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر ئېلى خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ بازىغا ئايلاندۇرۇلغان. ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان كان بايلىقلىرى مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئەڭ ئېغىر بولغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 11-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كۈندىلىك قىزىق نۇقتا سەھىپىسىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، «ياۋروپا بىرلىكى، شىنجاڭ ئاليۇمىننى مەجبۇرىي ئەمگەك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا قوشۇشى كېرەك» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇنداقلا يەنە مەزكۇر تەشكىلات ئامېرىكا بىلەن ماسلىشىپ خىتاينىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قاتنىشىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى (Henryk Szadziewski) نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بويىچە تەھلىل قىلغاندا، خىتاينىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان قۇرۇلۇش سىستېمىسى» نى ئۇيغۇر ئېلىدە كېڭەيتىپ قۇرۇشىنىڭ كەلگۈسىدە رايوندىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشنىڭ تەس ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى.

«C4ADS خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كان سانائىتىنى كېڭەيتىشىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلىپ بارغان بىرقىسىم تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى بىرقىسىم كانچىلىق كەسىپلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش خەۋپىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا، ئۇلار يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ كان شىركەتلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، بۇ شىركەتلەرنىڭ كان ھوقۇقىنى يۆتكىشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىركەت ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەجبۇرىي ئەمگەك شارائىتىغا دۇچ كەلگەنلەرنىڭ كۆپىيىشىنى پەرەز قىلالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. شۇڭا مەن ئېيتالايمەنكى، ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارغا ئاساسەن، خىتايدىكى ئالاھىدە كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۆۋەن تەننەرخلىق ئەمگەك يەنى، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى جەزم قىلىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە.»

يۇقىرىقى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە، خىتاي ئۆزىنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان قۇرۇلۇش سىستېمىسى» نى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدىن ماختانسىمۇ بىراق، بۇنىڭ ئارقىسىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى، رايوننى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋەيرانچىلىقى قاتارلىقلارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنىڭ داۋاملىق ئەندىشە قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.