تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خەلقئارالىق «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان نۇتقى تەنقىدكە ئۇچرىدى.
تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى «TRT» دا تارقىتىلغان نۇتۇقتا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىنسانىيەتنىڭ قىيىن بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھازىر دۇنيادا «ئىرقچىلىق ۋىرۇسى» نىڭمۇ ۋىرۇس يۇقۇمى بىللە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، دۇنيا بۇنىڭغا «توختا» دېيىشى كېرەك دېدى. بىراق ئۇ «خەلقئارا جەمئىيەت يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى، بوسنىيە، رىۋاندا ۋە كامبودژادىكىدەك پاجىئەلەرنىڭ قايتىلانماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلغان نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان ۋە يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن بۇ باھاغا قوشۇلىدىغانلىقىنى قايتا – قايتا تەكىتلەۋاتقان بىر مەزگىلدە رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇنقىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالماسلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى نۆۋەتتە ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جامائىتىنىڭ ھەم تۈركىيە ئىچىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى نارازى قىلماقتا.
27-يانۋار كۈنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قىزى نۇرسىمان ئابدۇرېشىت تۈركىيە پارلامېنتىدا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى. يىغىن ئەھۋالىدىن نەق مەيدان تارقىتىشى قىلىۋاتقان پارلامېنت تېلېۋىزىيەسىنىڭ دەل نۇرسىمان ئابدۇرېشىتقا كەلگەندە تارقىتىشنى كېسىۋېتىشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانىدى. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقەنى نۆۋەتتىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىڭ يارقىن ئىپادىسى، دەپ باھالىدى.