تۈركىيە دۆلەت پرېزىدېنتى سارىيى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 13-ئىيۇل كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەندە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايلار بىلەن تەڭ-باراۋەر، پاراۋانلىق ئىچىدە ئەركىن ياشىشى تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم. تۈركىيە، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ».
تۈركىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئېلىپ بارغان سۆزلىشىشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە سەھىيە ساھەلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىش بىرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەن.
خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى بولغان «يەرشارى ۋاقتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تېلېفون ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شى جىنپىڭغا خىتاينىڭ تۈركىيەگە سېتىپ بەرگەن كوۋىد ۋاكسىنىسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان، خىتاي بىلەن ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشتا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قارار ماقۇللىغان بىر پەيتتە «قەيەردە ئېزىلىۋاتقان بىر مۇسۇلمان بولسا بىز ئۇلارنىڭ قېشىدا بولىمىز» دېگەن شوئار بىلەن تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ۋە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ تونۇماستىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا يۇقىرىقى سۆزلەرنىلا دېيىشى يېتەرلىكمۇ؟
14-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم تۈركىيە پارلامېنتىدىكى پارتىيە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ۋىجدانلىق بولغان ھەممە ئادەم خىتاي قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھۆرمەتلىك ئەردوغان پۇلنىڭ كويىدا».
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2015-يىلىدىن تارتىپ ئوخشاش گەپنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنىڭ بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرى بىلەن تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. ئۇنداقتا 2023-يىلى پرېزىدېنت سايلىمىدىن بۇرۇن پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قالارمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەردوغاننىڭ سۈكۈتنى بۇزۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، ھەتتا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىش ئېھتىمالىنىڭمۇ بارلىقىنى بايان قىلدى.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىش تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنىكەن.