ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە تىجارەت ھەمكارلىقى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىستانبۇلدا باشلاندى. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتناشقان ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى ناھايىتى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىگە بىنائەن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىمەكچىمەن. شۇنداقلا بۇ قېتىملىق يىغىنىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن».
پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 20 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ كەلمەكتە. پرېزىدېنت ئەردوغان ھازىرغىچە كۆپ قېتىم خەلقئارا يىغىنلاردا ۋە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق بۇ، ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مىنىستىرلار يىغىنىدا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، 2017-يىلى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش بىلەن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەنىدى. ئۇ، بۇ يىل 9-ئايدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق يازغان: «مېنىڭچە پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىگە قىلغان بۇ چاقىرىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە قاراپ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ».
سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتوغلۇ قۇرغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ياردەمچى ئەپەندى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق يازغان: «تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۈگۈن ئىستانبۇلدا باشلانغان ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقى ئەھمىيەتلىك. ئەردوغان تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولدى. ئىسلام دۆلەتلىرىگە كۆپ تەسىرى بولمايدۇ، لېكىن بىز جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشقا داۋاملاشتۇرساق، ھۆكۈمەتمۇ داۋاملىق تىلغا ئالسا پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن». .
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قىلغان چاقىرىقىنىڭ كۆپ تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى، لېكىن دېموكراتىيە بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ ئالقىشلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى، خەلقئارا ئىماملار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ بۇ چاقىرىقىنىڭ دەۋا ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
ھازىرغىچە پرېزىدېنت ئەردوغان 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم 9-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغاندا ئۇيغۇر مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، 1-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە تىلغا ئالغانىدى.