تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 19-نويابىر كۈنى «تۈركىيە مىللىي تالەبە» بىرلىكىنىڭ 62-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، شۇنداقلا مىنىستىرلار كابېنتى يىغىنىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇلىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ تىلغا ئالدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بىز بۇلغارىيەدىكى تۈركلەرنىڭ تىلىنىڭ چەكلىنىشى ۋە قەبرىستانلىقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا قارشى چىقتۇق، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلدۇق، سىپرۇس مەسىلىسىگە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ۋە كەركۈكتىكى تۈركمەن مەسىلىسىگە ئىگە چىقتۇق» .
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە 20-نويابىر كۈنى مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «پەلەستىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ئازابى بىزنىڭ ئازابىمىز بولغىنىدەك، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئاھىسكا تۈركلىرى ۋە كەركۈك تۈركمەنلىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىمۇ ئوخشاشلا بىزنىڭ مەسىلىمىز. كىمكى تۈركىيەنى ئىرقداشلىرىنىڭ مەسىلىسىدىن يۈز ئۆرۈدى دەپ قارىلايدىكەن، شۇنى ئېنىق دەپ قويايكى، ئۇ، يا غاپىل، ياكى نادان ياكى چەت ئەل كۈچلىرىگە ۋاكالىتەن ئىشلەيدىغان جاسۇسلاردۇر. »
پىرېزىدېنت ئەردوغان ھەر كۈنى يىغىنلاردا ۋە ھەر ھەپتە ئېچىلغان مىنىستىر كابىنېتى يىغىنىدىن كېيىن بەرگەن باياناتلىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئۇيغۇر مەسىلىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئېنىق تىلغا ئېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇنىڭ بۇ باياناتنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ بىز بۇ ھەقتە تۈرك ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە تۈركىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
«ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى، لېكىن ھازىرغىچە ئەمەلىي بىر ئىش قىلمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ پىرېزىدېنتىمىز رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ تۇنجى قېتىم ئېنىق قىلىپ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، خىتاي زۇلۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇنمۇ ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ توغرىلىق ھۆكۈمەت كونكرېت بىر ئىش قىلغىنى يوق. ھازىر ھۆكۈمەت پەلەستىن مەسىلىسىدە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا تۈركىيە جامائەتچىلىكى ئىچىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇمغا ئۇچراۋاتسا نېمىشقا ھۆكۈمەت سۈكۈتتە تۇرۇۋالىدۇ؟ دېگەندەك نارازىلىقلار كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا جاۋاب بولسۇن دەپ بۇنداق بىر بايانات بەردى دەپ ئويلايمەن. »
پېشقەدەم دىپلومات، سابىق پارلامېنت ئەخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق يازغان: «تۈركىيەدە 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا شەھەر، كەنت ۋە يېزا باشلىقلىرى سايلىمى بولىدۇ، پىرېزىدېنتىمىز ئەردوغان سايلام يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنى دېيىش ئارقىلىق تۈرك خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى بېسىقتۇراي دېگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇ سۆزىنى بۇندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا دېمىسە، بۇنىڭ بىر پايدىسى يوق. »
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇنىڭ تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى تولۇپ ئاتاپ تۇرۇپ خىتايغا قارىتا قاتتىقراق بايانات بېرىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ، پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ 2015-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتقان ئەڭ كۈچلۈك سۆزى بولدى دەپ قارايمەن. بۇنىڭ سەۋەبى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمان ۋە تۈركىي خەلقلەرگە ئىگە چىقىش دەيدىغان سىياسىتى بار. كۆپىنچىسى تۈرك خەلقى ھۆكۈمەتنى پەلەستىن خەلقىگە ئىگە چىققانچىلىك قېرىنداش ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمايۋاتىدۇ دەپ تەنقىد قىلىۋاتىدۇ. بۇلارغا جاۋاب بولسۇن دەپ بۇ سۆزلەرنى قىلدى. بۇندىن كېيىن قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارايمىز. »
ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ «ئۇيغۇر» ۋە «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇلىرىنى ئېنىق ئاتاپ بۇنداق دېيىشىنىڭ، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پىرېزىدېنت ئەردوغان ئىككىلا قېتىملىق نۇتقى، تۈركىيەدىكى بارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. بۇ باياناتلاردا پىرېزىدېنت ئەردوغان گەرچە خىتاينى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى ئېنىق دېيىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ تەنقىد قىلغان، دەپ قارالماقتا.