تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ۋاڭ يىنىڭ قولىغا ئۇرۇپ كۆرۈشۈشى تۈركىيەدە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

0:00 / 0:00

ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن قولىغا ئۇرۇپ كۆرۈشۈشى تۈركىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.

ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتى ۋە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئۇنىڭ بىلەن قولىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ كۆرۈشۈشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇچرىشىشتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋاڭ يىگە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرى بىلەن بىر مەيداندا ئورۇن ئالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم 30-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى پارتىيەسىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ۋاڭ يى بىلەن قولىنى ئۇرۇپ كۆرۈشۈشىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى پرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن ئۇنىڭ كىچىك شېرىكى دەۋلەت باغچەلى بالىلار باغچىسىدا ئويناۋاتقان بالىلاردەك كۈتۈۋالدى. نومۇس قىلماستىن مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدا ۋاڭ يىنىڭ قولىغا ‹چاق› قىلىپ ئۇرۇپ كۆرۈشتى. بۇ سەمىمىي كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن مەندە بىر ئەنسىرەش پەيدا بولىدۇ. ئەردوغاننىڭ بۇنداق شەخسى دوستلۇقلىرى تۈپەيلى تۈركىيەنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر يادىمغا كېلىپ تېخىمۇ كۆپ ئەنسىرەيمەن. خۇدا بۇيرۇسا بۇ ئۇچرىشىشلار باشقىلارغا ئوخشىماس. بۇ سەمىمىي ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھېچ بىرنەرسە دېيەلمىدى».

ئۇ، پارلامېنتتىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن شۇلارنى سورىدى: «بۇ يەردىن رەجەپ تايىپ ئەردوغاندىن شۇلارنى سورىماقچىمەن. سىلەر خىتاي بىلەن مەخپىي بىر ئىش قىلىۋاتامسىلەر؟ 4-5 مىليارد دوللار پۇلنى دەپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ۋە نومۇسىنى خىتايغا بېرىۋاتامسىلەر؟ بىز بۇلارنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرىمىز».

25-مارت كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەر، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر، تۈركىيە خىتايدىن سېتىۋالغان 50 مىليون كورونا ۋاكسىنىنىڭ قالغان قىسمىنىڭ تۈركىيەگە قاچان ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق كېلىشىم تۈزۈلمىگەن. ئەمما ۋاڭ يى تۈركىيەدىن كېيىن ئىرانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە ئىران بىلەن 25 يىللىق ھەمكارلىشىش كېلىشىمىگە قول قويۇلغان.

ئىران بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كېلىشىمنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇرۇن خىتاي، ئىران بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندا ئامېرىكادىن تەپ تارتىدىغانلىقىنى ئەمدى تەپتارتماي بۇ خىل كېلىشىملەرنى تۈزۈشكە باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىدىن كېيىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، ئۇ ۋاقتىدا تۈركىيە بىلەن ھەر خىل توختامنامىلارنى تۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 24-مارتتىن 25-مارتقىچە سەئۇدى ئەرەبىستان، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، بەزى كېلىشىملەرنى تۈزگەن بولسىمۇ، تۈركىيە بىلەن كېلىشىم تۈزمەي، كۆرۈشۈپلا كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا؟ قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپى دوكتورانتى مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ تۈركلەرگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، تۈركىيە مىڭ خۇشامەت قىلسىمۇ خىتاينىڭ تۈركىيەگە ئىشەنمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە 2015-يىلىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا بولۇپ، بۇ يىل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا بەزى كېلىشىملەرگە قول قويۇلىدىكەن.