ئەرەب دۇنياسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوزغىلىۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

ئەرەب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى تۇرۇش سادالىرى باش كۆتۈرمەكتە.

ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە، ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى ئىنكاسلىرى 2018-يىلىدىن بۇيان كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ ئەرەب ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا ئىزچىل سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇپ كېلىشى خەلقئارادا ئەيىپلەشلەرگە ئۇچرىماقتا ئىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، بۇنىڭغا قارشى ھالدا 2019-يىلى دېكابىر ئايلىرىدا مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەلىك مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشىنى، ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىشنى مەقسەد قىلىپ، زور كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ سۈكۈتلىرىنى بۇزدى.

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان تۈرك خەلقىمۇ ئۆزلىكىدىن قوزغىلىپ دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە خىتايغا قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى، قانچە ئون مىڭ كىشىلىك نامايىشلارنى ئېلىپ باردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاخىرقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان ئەرەب دۇنياسىدىنمۇ ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىدىغان، خىتاينى ۋە ئۇنىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئەيىپلەيدىغان سادالار باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.

مەتبۇئاتلاردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى 25-دېكابىر كۈنى كۇۋەيت پارلامېنتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۇۋەيت ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغان ئىگە چىقىشنى، جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

2019-يىلى 26-دېكابىر مىسىرلىق شەيىخ مۇستافا ئىبن ئال-ئاداۋى نۇتۇق سۆزلەپ، مىسىر خەلقىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.

2019-يىلى 28-دېكابىر ماراكەشتىكى مۇھاممادىيە جامائىتى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئىرادىلىرىنى نامايەن قىلغان.

2019-يىلى 29-دېكابىر پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى ئەرەبلەر نامايىش ۋە مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسسىداشلىقىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا بولغان قارشىلىقلىرىنى ئىپادە قىلغان. مەتبۇئات يىغىندا «ئۇيغۇرلارنى ياردەمسىز قالدۇرۇش ھارامدۇر. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. ئۇيغۇرلار بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ دەردى ئوخشاشتۇر،» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلگەن.

2019-يىلى 31-دېكابىر كۈنى ئىئوردانىيە پايتەختى ئومماندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئەرەبلەر نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى ۋە لاگېرلارنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلىشقان.

بۇلاردىن ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئەرەب تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشلارغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋان سىياسەتلىرىگە قارشى مەيدانىنى نامايەن قىلغان ئىدى.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى ئەرەب دۇنياسىكىدى بۇ ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى خەلچەم مەمتىمىن خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى سۈكۈتلىرىنى تەرك ئېتىشىگە ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسسىداشلىقىنى ئىپادە قىلىشىغا خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمى ھەم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۈزلۈكسىز بايانلىرى، خىتاينىڭ بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىللار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 23 غەرب دۆلىتىنىڭ ب د ت غا يوللىغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى بىرلەشمە باياناتى، گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ سۈكۈتلىرىنى تەنقىد قىلىشى، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇننىڭ، ياۋروپا پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرىغا قارشى قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، ئىلھام توختىنىڭ «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشىشى ۋە دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى تۈرلۈك شەكىللەردىكى پائالىيەتلىرىمۇ ئەرەبلەرنىڭ ئويغىنىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

گەرچە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەرەب دۇنياسىدا كۇۋەيتتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەرەب خەلقى ئىچىدىكى تەدرىجىي ئويغىنىشلار يېقىن كەلگۈسىدە ھەرقايسىي دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن ئىكەن. د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا مەركىزى لوندۇندا بولغان «ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» ۋە ياۋروپادىكى ھەر ساھە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ياۋروپادىكى بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە كۆلىمى زور بولغان نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنى قوللاش توغرىسىدا بېسىم شەكىللەندۈرۈلىدىكەن.