جەنۇبىي ئافرىقالىقلارنىڭ روھانىي داھىيسى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، داڭلىق ئېپىسكوپ ئېمېرىتۇس دېسموند تۇتۇ 2021-يىلى 26-دېكابىر كۈنى 90 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى سىيرۇل راماپاسە ئۇنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ كۈنى تۋىتتېردا ئېلان قىلغان سۆزىدە: «مەشھۇر ئېپىسكوپ ئېمېرىتۇس دېسموند تۇتۇنىڭ ۋاپاتى دۆلىتىمىزنىڭ بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ يەنە بىر داڭلىق جەنۇبىي ئافرىقالىقتىن ئايرىلىش قايغۇسىغا گىرىپتار بولغان بىر سەھىپىسىدۇر، ئۇ بىزگە ئەركىن جەنۇبىي ئافرىقانى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى،» دېگەن جۈملىنى ئىشلەتكەن.
دېسموند تۇتۇنىڭ ۋاپاتىغا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى تەزىيەسىنى بىلدۈرۈپ مەكتۇپ ئەۋەتكەن. ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئوباما ئۇنى «ئەخلاقىي ماياك» دەپ ئاتىغان. گېرمانىيە پرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر شىتايىنمايېر بولسا «ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى ۋە ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بىر كىشىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق» دېگەن. غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە بەس-بەستە خەۋەرلەر تارقاتماقتا.
تىبەتلىكلەر مەسىلىسىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە خەۋىرى بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھېچ بىلمەيدىغان دېسموند تۇتۇ 2005-يىلى گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھرىگە كېلىپ ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن ئۇچراشقاندا، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن تونۇشقان. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان ۋە ئۇنى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ جەنۇبىي ئافرىقادىكى نۇتۇقلىرىدا تىبەت مەسىلىسىگە قوشۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ بىرلىكتە تىلغا ئېلىشقا باشلىغان.
زامانىدا د ئۇ ق نىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ھەم ئۇ ن پ ئو (ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن 2005-يىلى دېسموند تۇتۇ بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان چاغلىرىدىكى خاتىرەسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېسموند تۇتۇ 2011-يىلى 80 ياشقا تولغان مەزگىللىرىدە دالاي لاما بىلەن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنى جەنۇبىي ئافرىقاغا تەكلىپ قىلغان. بىراق جەنۇبىي ئافرىقادىكى مەۋجۇت ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى تۈپەيلى دالاي لاماغا ۋىزا بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن ئۇلار دېسموند تۇتۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دېسموند تۇتۇ جەنۇبىي ئافرىقالىقلارنىڭ مەشھۇر داھىيسى نېلسون ماندېلانىڭ سەپدىشى بولۇپ، ماندېلانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ پۈتۈن ئۆمرىنى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 1984-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقالىقلارنىڭ روھانىي داھىيسى بولۇپ تونۇلۇپلا قالماي، دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئەركىنلىك جەڭچىلىرىدىن بىرى بولۇپمۇ تونۇلغان. ئۇ 1931-يىلى 7-ئۆكتەبىر كۈنى جەنۇبىي ئافرىقانىڭ پايتەختى يوھاننېسبۇرگ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى كلېركسدورف يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «دېسموند تۇتۇ ئۇيغۇرلارغا چۇڭقۇر ھېسداشلىق قىلاتتى» دېدى.