«بىر دەۋانىڭ خاتىرىسى-مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئەركىن ئالپتېكىن» ناملىق ئەسەر تۈركىيەدە نەشردىن چىقتى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئۆمەرقۇل ئەپەندى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «بىر دەۋانىڭ خاتىرىسى-مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئەركىن ئالپتېكىن» ناملىق ئەسەر يېقىندا تۈركىيەدە نەشردىن چىققان. ئەسەردە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
ئەسەر ئاپتورى ئۆمەرقۇل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى بىرقانچە يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 40-يىللاردىكى ۋەزىيىتىنىڭ تىرىك شاھىتى بولغان ھەمدە يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋا ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىگە ئۇنىڭ كەچمىشلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. بىراق ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى «كەچمىشلىرىمنى يېزىپ قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ئىنسانىي، ئىمانىي، ۋىجدانىي بۇرچىنى ئادا قىلدىم» دەپ ئۆزرە ئېيتقان. ئەمما ئۇلارنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن ئاخىرى ماقۇل بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ كىتابنىڭ يورۇق كۆرۈشىگە ۋەسىلە بولغان.

ئۆمەرقۇل ئەپەندى بۇ كىتاب ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «دەسلەپكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك مول ئۇچۇرلارغا تولغانلىقى، بىلىم خاراكتېرلىق ۋە مەلۇمات خاراكتېرلىق مەزمۇنلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تېخى يورۇق كۆرمىگەن ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭمۇ يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكى، بولۇپمۇ 40-يىللاردىكى ۋەزىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، سەرپ قىلغان ئەجرىمىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى بىزنى ناھايىتى خۇرسەن قىلدى.»
ھازىر 86 ياشقا كىرگەن، گېرمانىيەنىڭ ۋۈرزبۇرگ شەھرىدە ياشايدىغان ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى «بىر داۋانىڭ خاتىرىسى-مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئەركىن ئالپتېكىن» ناملىق كىتابنىڭ نەشىردىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر ئەسەرنىڭ دوتسېنت ئۆمەرقۇل ئەپەندى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرلىرىنىڭ تەلەپلىرى ھەم ئەجرى بىلەن ۋۇجۇتقا چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئەركىن ئالپتېكىننىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش خاتىرىسى يورۇتۇلغان بۇ كىتاب ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغاندا، ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ ئوغلى بولۇش، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۇنجى قېتىم غەرب دۇنياسىدا تونۇتقۇچى شەخس بولۇش ۋە كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم بىر تارىخىي شەخس ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر ئەسىر ھالقىغان تارىخىنىڭ كارتىنىلىرىنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.
مەركىزى ۋاشىڭتوندىكى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﺎﻛﯩﻢ ﺋﯩﺪﺭﯨﺲ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﺎﮪﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا تۈرك-ئەرەب دۇنياسىغا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان بولسا، ئۇنىڭ ئوغلى ئەركىن ئالپتېكىن غەرب دۇنياسىغا بۇ مۇقەددەس داۋانىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان كىشى ھەسابلىنىدىكەن. ئەگەر ئۇيغۇر داۋاسى بۈگۈنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولسا، بۇنى ئۇنىڭ كۆچىتىنى تىككەن ئەركىن ئەپەندىنىڭ ئەجىر-مىھنىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن، شۇنداقلا ئەركىن ئەپەندى ۋەتىنى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ئەجىر قىلىپ، ئۆزىنى ئەڭ ئاز تەشۋىق قىلغان بىر زات سانىلىدىكەن.

ئەسەر ئاپتورى ئۆمەرقۇل ئەپەندى بۇ كىتابقا «بىر داۋانىڭ خاتىرىسى» دەپ نام بېرىشتىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بىر خاتىرىسى بولغانلىقىنى، ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بىر يۈزىنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدۇق ۋە ئەسەرگە ‹بىر دەۋانىڭ خاتىرىسى-مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئەركىن ئالپتېكىن› دەپ نام بېرىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. ئەلۋەتتە، بۇ ئەسەردە ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ شەخسىي كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپلا قالماي، ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەپەندىلەر بىلەن بىرگە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ غەربتە باش كۆتۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىگىمۇ مۇناسىپ ئورۇن بېرىشكە تېرىشتۇق.»
غەرب مەتبۇئاتلىرىدا «كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر سىياسىيونى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى 1937-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى لەنجۇدا تۇغۇلغان. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىش ھارپىسىدا ئاتىسى ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەپەندىلەر بىلەن بىرگە ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. 1954-يىلى تۈركىيەگە يەرلەشكەن. 1961-1970-يىللىرى تۈرك ھاۋا يوللىرىدا خىزمەت قىلغان ۋە قوشۇمچە ئىستانبۇلدا «يۈكسەك ئاخباراتچىلىق ئىنىستىتۇتى»دا ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇپ «بىزنىڭ ئانادولۇ» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1971-1995-يىللىرى «ئازاتلىق رادىيوسى»دا خىزمەت قىلغان. 2004-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە د ئۇ ق نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.
د ئۇ ق نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى رەئىسى بولغان ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن. ئۇ 1985-يىلى شىۋېتسارىيەدە «شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكىي موڭغۇلىيە خەلقلىرى ئىتتىپاقى»نى، 1990-يىلى گېرمانىيەدە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنى، 1991-يىلى گوللاندىيەدە ONPO دەپ ئاتىلىدىغان «ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى»نى، 2004-يىلى گېرمانىيەدە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نى قۇرغان ھەمدە تۈرلۈك ۋەزىپىلەردە بولغان، شۇنداقلا كۆپلىگەن خەلقارالىق تەشكىلاتلارغا مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.