پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسى ئەركىن ئايۇپ 14 يىللىق، سىڭلىسى ساجىدىگۈل ئايۇپ 12 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.05.26
پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسى ئەركىن ئايۇپ 14 يىللىق، سىڭلىسى ساجىدىگۈل ئايۇپ 12 يىللىق كېسىۋېتىلگەن نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 14 يىللىق كېسىلگەن ئاكىسى ئەركىن ئايۇپ ۋە 12 يىللىق كېسىلگەن سىڭلىسى ساجىدەگۈل ئايۇپ.
Abduweli Ayup teminligen

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ جيەنى مىھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ئۇنىڭ تۇتقۇندىكى ئاكىسى ئەركىن ئايۇپ ۋە سىڭلىسى ساجىدىگۈل ئايۇپ ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىملار، ئەركىن ئايۇپنىڭ 14 يىللىق، ساجىدىگۈل ئايۇپنىڭ بولسا 12 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ياپونىيەدىن يۇرتىغا قايتقان تەتقىقاتچى مىھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى ئۇچۇرى دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولغان دادىسى ئەركىن ئايۇپ، ھاممىسى ساجىدىگۈل ئايۇپنىڭ تەقدىرى ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. توققۇزاق ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى، بۇ ئىككىسىنىڭ دېلوسى ھەققىدە تېلېفوندا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. نورۋېيەدىكى ئۇيغۇريار فوندى تەييارلىغان تۇتقۇندىكى زىيالىلار تىزىملىكىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەركىن ئايۇپ2017 ‏-يىلى 9‏-ئايدا، ساجىدىگۈل ئايۇپ 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇيغۇريار فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇنداقلا ئەركىن ئايۇپ بىلەن ساجىدىگۈل ئايۇپنىڭ قېرىندىشى بولغان ۋە نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەركىن ئايۇپ توققۇزاق ناھىيەلىك پارتكومدا، ساجىدىگۈل ئايۇپ ناھىيەلىك1 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان. قەشقەر ۋىلايەتلىك تەشتىش مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمىمۇ بۇ ئىككى دېلونىڭ سەزگۈر دېلولار قاتارىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

توققۇزاق ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئەركىن ئايۇپ بىلەن ساجىدىگۈل ئايۇپ ھەر ئىكىسى ئەسلىدە كەسپىي خىزمەتلىرىدە نەتىجە كۆرسىتىپ ۋە تەقدىرلىنىپ كېلىۋاتقان خىزمەتچىلەردىن بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر رايونىدا توختىماي چىقىۋاتقان سىياسىي شاماللاردا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولمىغاچقا، يەنى خىتاي كۈتكەن دەرىجىدىكى ساداقەتنى كۆرسەتمىگەنلىكى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغان. ئىنكاستا يەنە 2019‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئەركىن ئايۇپنىڭ 14 يىللىق، ساجىدىگۈل ئايۇپنىڭ 12 يىلىق كېسىلگەنلىكى، بۇنىڭغا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئىلگىرى ۋە نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. توققۇزاقلىق بىر ساقچى خادىمى ئەركىن ئايۇپنىڭ كېسىم مۇددىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى يوشۇرمىدى. ئۇ يەنە ئەركىن ئايۇپنىڭ كېسىلىشىگە بىرقانچە ئىش سەۋەپ بولغانلىقى، بۇلاردىن بىرى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش «خاتالىقى» ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. يەنە بىر خادىم ساجىدىگۈل ئايۇپنىڭ 12 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئىنكار قىلماسلىق بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ نۆۋەتتە قەشقەردىكى مۇش تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، ئەركىن ئايۇپ بىلەن ساجىدىگۈل ئايۇپ كۆرگەن ئائىلە تەربىيەسى سەۋەبلىك خىزمەتتە ئەستايىدىل، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە مەسئۇلىيەتچان كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇلار ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى چېغىدا ئېلىپ بارغان ئانا-تىل پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىغان ئىكەن. ئۇلار يەنە نورمال بىر قېرىنداشلىق مۇسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن ئىلگىرى قاتتىق چەكلىمە قويۇلمىغان مەزگىللەردە ئارىلاپ تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋە ئوز ئارا ئائىلە ئەھۋاللىرى ھەققىدە ھال سوراشقان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان ئىكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەر قېتىم چەت ئەلدە ئەمەلىي بىر ئىشقا قول تىققاندا ۋەتەندىكى ئائىلىسىدىن ئەنسىز بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن ئومۇمىي بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزى ۋە سەپداشلىرىنىڭ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئوڭشالماي تۇرۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەقدىرىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن كېلىۋاتقان شۇم خەۋەرلەرگە قارىماي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.