بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن ئەركىن ئىمىنجان، 2009-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 6 يىل تۈرمىدە، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 2 يىل «تەرىيەلەش» تە يېتىپ چىققان. ئۆمرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى قاماقتا ئۆتكۈزگەن ئەركىن ئىمىنجان، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈچىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلگىرىكى ئىككى قېتىملىق تۇتۇپ مېڭىلىشىدا ياشانغان ئاتا-ئانىسى كۆز يېشى قىلغان بولسا، بۇ قېتىملىق تۇتۇلۇشىدا ئۇنى كۆز ياشلىرى بىلەن ئۇزاتقۇچىلار ئارىسىدا ئۇنىڭ بىر ياشلىق پەرزەنتى بىلەن ئايالىمۇ ئورۇن ئالغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەر كىشى يەتكۈزگەن بۇ ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقى، تۇتقۇن ئەركىن ئىمىنجاننىڭ يۇرتى-چاپچال ناھىيە جاغىستاي يېزىسىدىكى ساقچى ۋە كەنت خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
چاپچال ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، 1988-يىلى تۇغۇلغان ئەركىن ئىمىنجان، 2009 -يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنكى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇندا تۇنجى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، 6 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئونىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان يىللىرىنى جازا لاگېرىدا ئۆتكۈزگەن ئەركىن ئىمىنجان 27 يېشىدا جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ جەمئىيەتكە قايتقان ھەمدە ياغاچچىلىق ۋە ئاشپەزلىك قاتارلىق ھۈنەر-كەسىپلەر بىلەن ھەپىلىشىپ تىرىكچىلىك قىلغان. ئۇ قىلىۋاتقان ھۈنەر-كەسپىنىڭ ئەلمى-تەلمىنى بىلىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇش ۋە مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشكەنىدە، يەنى 2017-يىلى زور تۇتقۇن باشلىنىپ، ئۇ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن.
ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، ئۇ ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 2019-يىلى لاگېردىن چىققىنىدا يېشىنىڭ 31 غا ئۇلاشقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تېزدىن ئۆيلەنگەن ۋە بىر پەرزەنتلىك بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ 3 جانلىق ئائىلىسنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە چېپىپ يۈرگىنىدە، يەنى بۇ يىل 9 -ئاينىڭ 1-كۈنى بېشىغا ئۈچىنجى قېتىم قارا خالتا كىيدۈرلۈپ ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان چاپچال ناھىيە جاغىستاي يېزىسىدىكى ئالاقىدار كەنت خادىملىرى، ئەركىن ئىمىنجاننىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئېنىق جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئەركىن ئىمىنجان تولۇقىسز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تىرىكچىلىك يولىنى ئۆگىنىپ ئاتا-ئانىسىغا ياردەمچى بولۇش ۋە ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈشتىن باشقا ئىشلارنى خىيال قىلىشقىمۇ ئىمكانى بولمىغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ھەر ئۈچ قېتىملىق تۇتۇلۇشىدا ئۇنىڭ بېشىغا «جەمئىيەت تەرتىۋپىنى بۇزۇش» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» تىن ئىبارەت بىر-بىرىدىن چوڭ قالپاقلار كىيدۈرۈلگەن. ئىنكاستا يەنە دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇنداق چوڭ قالپاقلارنى كىيىشىگە قول تېلېفونىدىن چىققان «چاتاق» لار سەۋەپ بولغان.
جاغىستاي يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، ئەركىن ئىمىنجاننىڭ بۇنىڭدىن بىر ئايچە ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما بۇ خادىم ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە جاغىستاي 3-كەنت ساقچىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
چاپچال ۋەزىيتىدىن خەۋەردار كىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا يەنە قەيت قىلىنىشىچە، ئەركىن ئىمىنجاننىڭ-قېتىملىق تۇتۇلۇشىغا ئۇنىڭ قول تېلېفون خاتىرىسىدە «قانۇنسىز ماتېرىياللار» بايقالغانلىقى سەۋەپ بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق تۇتۇلۇشىغا ئۇنىڭ سابىق مەھبۇس ئىكەنلىكى سەۋەب بولغان. بۇ قېتىم، يەنى 3 -قېتىملىق تۇتۇلۇشىغا ئۇنىڭغا «چېكىتى بار» بىر كىشىدىن تېلېفون كەلگەنلىكى سەۋەب بولغان ئىكەن. جاغىستايدىكى يەنە بىر كەنت خادىمى، ئەركىن ئىمىنجان ھەققدىكى بۇ ئۇچۇرنىڭمۇ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
يەنە ئىنكاستا قەيت قىلىنىشىچە، ئەركىن ئىمىنجان تېلېفوندىن چىققان «چاتاق» سەۋەبلىك 6 يىل جازالانغاندىن كېيىن، يەنە «خاتا» ماتېرىياللارنى ئۇقۇشماي كۆرۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر مەزگىل قول تېلېفون ئىشلەتمىگەن. ئەمما ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇش ۋە ئىش ئېھتىياجى بىلەن قايتىدىن قول تېلېفون تۇتقان. بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى بىر كامىردىشىنىڭ ئائىلىسىدىن تېلېفون كېلىشى بىلەن. ئۇ كۆرسەتكەن بارلىق ئېھتىياتچانلىقلارنىڭ ھېچقانداق رولى بولمىغان. ئۇ يەنە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» گۇمانى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى تۇتۇلۇشىدا قاماقخانىغا ياكى لاگېرغا ئەكىتىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا يەنە قانداق جازالارنىڭ بېرىلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
يۇقۇرىدا چاپچال جاغىستايدىكى 33 ياشلىق ئەركىن ئىمانجاننىڭ ئىلگىرىكى ئىككى قېتىملىق تۇتۇلىشىدا 8 يىللىق قاماق جازاىسىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇ يىل 1-سېنتەبىر كۈنى ئۈچىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.