ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش ماھىر تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىغا قاتناشتى

0:00 / 0:00

6‏-ئاينىڭ 28-29-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىگە ئىستانبۇلدىكى «ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبى» دا چېنىقىۋاتقان 17 ياشلىق ئىمران ئابلىز بىلەن 22 ياشلىق ئابدۇراخمان ئابدۇقادىر قاتناشقان. بۇ ئىككى ماھىر مۇسابىقە مەيدانىغا چىمەن دوپپا كىيىپ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا جاراڭلىق ساما مۇزىكىسى بىلەن كىرىپ كەلگەندە تاماشىبىنلار قىزغىن ئالقىشلار بىلەن قارشى ئالغان.

كونيا شەھىرى دېدىمان مېھمانخانسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدا ئۇيغۇر ماھىر ئىمران ئابلىز ئىرانلىق رەقىبى شۈكۈر ئەلۋازايى بىلەن مۇسابىقىغا چۈشكەن. ئىمران ئابلىز مۇسابىقە جەريانىدا رەقىبىنى ئۇرۇپ سەھنىدىن پەسكە چۈشۈرۋەتكەن ۋە تاماشىنبلارنىڭ قىزغىن ئالقشىغا ئېرىشكەن. ئاخىرىدا باھالىغۇچىلار ھەر ئىككى ماھىرنىڭ نەتىجىسىنىڭ تەڭلىشىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، 17 ياشلىق ئىمراننىڭ رەقىبى 22 ياشلىق شۈكۈر ئەلۋازايى بىر نەچچە قېتىم كەسپىي مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئىمراننىڭ يېشى كىچىك، تەجرىبە جەھەتتە رەقىبىگە يەتمەيدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقىدە ياخشى ماھارەت كۆرسىتىشى تاماشىبنلارنى سۆيۈندۈرگەن.

ئەركىن مۇشتلىشىش ماھىرلىرى مۇسابىقە ئالدىدا قوللىغۇچىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2021-يىلى 28-ئىيۇن، تۈركىيە.

ياش مۇشتلاشچى ماھىر ئىمران ئابلىز زىيارىتىمىز قوبۇل قىلىپ، بۇ مۇسابىقىگە چۈشكەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ ئالقىشلىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ بەكمۇ جاسارەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن مەشق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنى ۋە كۆك بايراقنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادىگە كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبى» نىڭ يەنە بىر ماھىرى ئابدۇراھمان ئابدۇقادىر 22 ياش بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم ئىرانلىق رەقىبى 28 ياشلىق فېررۇز ناجابى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن. ئابدۇراھمان مۇسابىقە جەريانىدا ماھارەتلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان.

ئابدۇراخمان ئابدۇقادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىدىن تەجرىبىلىك رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى، ئەمما مۇسابىقە جەريانىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئۆزىگە يوللىغان تەبرىك، تىلەك ۋە دۇئالىرىنى ئاڭلاپ بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن مەشىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ جاپالىق مەشىق قىلىپ، كۆك بايراقنى تېخىمۇ چوڭ خەلقئارالىق مۇسابىقە مەيدانلىرىغا ئېلىپ چىقىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبى» نىڭ مەسئۇلى خالىد ئاتامان بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش ماھىر تۇنجى قېتىم مۇسابىقىغا قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ شىجائەت ۋە تەمكىنلىك بىلەن ھۇجۇم ۋە مۇداپىيەدە تەڭ تۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ رەقىپلىرى ئۆزلىرىدىن 5-6 ياش چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ چىڭ تۇرۇپ مۇشتىلىشىپ، ماھارەتلىرىنى جايىدا كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خالىد ئاتامان ئەپەندى يەنە بۇ ئۇيغۇر ياشلارنى تېخىمۇ چوڭ دۆلەت ۋە خەلقئارا دەرىجىلىك مۇسابىقىلارغا قاتناشتۇرۇش ئارزۇسى بارلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ تەربىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا بۇ ئىككى نەپەر ياش مۇشتلاشچى ماھىرغا ياخشى تىلەكلەر بىلدۈرۈشكەن ۋە ئۇلارنى ئالقىشلىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىشقان.